جان ئاتا
بۇخەلچەم ھۈسەن (پىنھان )
جان ئاتا، قالدىڭغۇ كۈچتىن ئايرىلىپ،
ھەمراھىڭ بولدىمۇ يۇلۇڭدا ھاسا ؟!
كەتتىڭغۇ جاپادىن يادەك قايرىلىپ،
جىسمىڭغا كۈچ -قۇۋەت بولايچۇ، ئاتا !

كۈچسىزدۇر تەنلىرىڭ ، تىترەر قوللىرىڭ ،
رەھىمسىز يىللارنىڭ ساڭا سوۋغىسى .
بىزلەرگە ئەڭگۈشتەر پارلاق يولىرىڭ،
سەن ئىدىڭ بوۋامنىڭ چىۋەر ۋارىسى .

بارلىقىم دەپ بىلدىڭ پەرزەنتلەرنى سەن،
بىزلەرگە ياراتتىڭ ھالاۋەتلىك باغ .
مۇشەققەت - جاپاغا بەرمىدىڭ ھىچ تەن،
قەددىڭدىن كۆرۈنەر گويا تەڭرىتاغ .

بىز ئۈچۈن تەر تۆكتۈڭ ، شۇنچە غەم يىدىڭ،
كۆزۈڭگە نۇر بولاي ،مۇڭدىشاي ھەر دەم .
سەن مىنى يېتىلەپ چوڭ قىلغان ئىدىڭ ،
ئەمدى مەن يېتىلەي سىنى ، پەرىشتەم ...
| 186 قېتىم كۆرۈلدى | پىنھان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-24 12:36:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|