ئانامدۇر جاپادا ئۆتكەن
ئاتاۋۇللا چوپانى
كۆرمىدى ھالاۋەت جان ئانام ئۇشبۇ ئۆمرىدە،
غەم قايغۇ ئارلاشقان كۈلگەن ئاشۇ كۈلكىدە.
بىر ئوتلۇق ئاتاش بار ئۇنىڭ قەلبىدە،
ئۇ بولسائەزىز ئانامدۇر، جاپادا ئوتكەن.
كۈن بويى تەلمۈرۈپ مىنىڭ يولۇمغا باققان.
قول يۇسام سۇ قۇيۇپ، لۆڭىلەر تۇتقان.
ياش تۆكۈپ بەخىتىم ئۇچۇن دۇئادا قىلغان ،
ئۇ بولسا قەدىردان ئانامدۇر، جاپادا ئۆتكەن .
تونوردا نان كەبى بىزنى دەپ كۆيگەن،
ئاچچىقنى تاتلىق دەپ بىزنى دەپ يۈتكەن.
جاپاغا لەببەي دەپ بىزنى دەپ كونگەن،
ئۇ بولسا مىھرىبان ئانامدۇر، جاپادا ئۆتكەن.
قاركەبى ئاقارغان ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى،
ئېزىنى يوقاتقان ئاشۇ قاپقارا قەلەم قاشلىرى.
بىزنى دەپ ئۆتتى ھەم، ئۇنۇتتى ياشلىقىنى،
ئۇ بولسائەزىزىم ئانامدۇر، جاپادا ئۆتكەن .
بەللىرى مۈكچەيگەن، مايمۇن سۆگتىدەك ،
مىننەتسىز ئەجرى بار بىزگە چوپان بىغىدەك.
ھەمىشە ياش تۆكەر بىزنىڭ بەختىمىزنى دەپ،
ئۇ بولسا پاسىبانىم ئانامدۇرجاپادا ئۆتكەن.
2015-يىلى 12-ئاي14-كۇنى
88 قېتىم كۆرۈلدى | ئاتاۋۇللا چوپانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-14 10:06:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|