ياخشى بولغاچ پارتيە (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

ياخشى بولغاچ پارتىيە
مەمەتجان سەمەت

ياخشى بولغاچ پارتىيە،
سېلىپ بەردى ئۆيلەرنى.
پاكىز سىلىق ئەينەكتەك،
ياساپ بەردى يوللارنى.

ئېرىقلاردا ئاقماقتا،
سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى.
ئەلنىڭ يىتىپ ھالىغا،
قېزىپ بەرگەچ قۇدۇقنى.

ئىچمەس بولدۇق لاي سۇنى،
بۇرۇنقىدەك ئېرىقتىن.
ھەم قۇتۇلدۇق بىز مانا،
تولا كەتمەن چېپىشتىن.

يەرگە تۆلەر سېلىقمۇ،
ئەمدىلىكتە يوق بولدى.
شۇڭا مانا دېھقاننىڭ ،
غەش كۆڭلىمۇ خوش بولدى.

بىلىمىزنى چىڭ باغلاپ،
ھۇنەر كەسىپ ئۈگۈنۈپ.
قايتىپ  كېلىپ يۇرىتقا،
بىز ئوقۇشنى تۈگۈتۇپ.

قىلاي دېسەك بىر ئىشنى،
قەرىز بىرىپ پۇلىنى.
قۇرۇپ بەردى كارخانا،
ھەتتا چىڭداپ ئۇلىنى.

يۆلەپ بىزنى  پارتىيە،
كۆپلەپ ياردەم بەرگەچكە.
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ،
يەتتۇق ھاللىق سەۋيەگە.

تۈگەپ كەتتى غېمىمىز،
شۇڭا خۇشال يۈرىمىز.
كۆرۈپ ئەمدى راھەتنى،
ھايات پەيزى سۈرىمىز.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى : 308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن   تارقتىڭ
     





230 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 4:30:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ