خەۋەر كەلگەندە - دىلدار قىز

خەۋەر كەلگەندە 

 دىلدار قىز


 ئ‍انامنى كەتتى دەپ كەلگەندە خەۋەر،
تاڭ سەھەر تىخى بەش بولمىغان ئ‍ىدى.
ئ‍اھ دىدىم پىچاقتا تىلىندى يۈرەك،
سىردىشىم مېھرىبان شۇ ئ‍انام قىنى.

ھىلىمۇ ئ‍ىسىمدە ئ‍انام كەتكەن چاغ،
كۈلگەندەك ياتقانتى كىپەن ئ‍ىچىدە.
ئ‍ۆرتىنەر يۈرۈگۈم ھەرقىتىم كۆرسەم،
يىغلايمەن يامغۇردەك ھەركۈن كىچىدە.

جان ئ‍انام ئ‍اغزىدىن گاھى ئ‍اڭلايتىم،
بالام دەپ قالمايلى ئ‍انام دەپ قالسۇن.
ئ‍وتۇمدا كۆيۈپ ،سۈيۈمدە ئ‍اققان،
ئ‍انامنىڭ ياتقىنى پىردەۋىس بولسۇن.

سەن ئ‍ۈچۈن ھىچ بىر ئ‍ىش قىلالماي ئ‍انا،
كىرىپ قالدىم ئ‍ىشىكى ئ‍وچۇق قەپەزگە.
كىرەلمەي،چىقالماي قالدىم تىڭىرقاپ،
يۈرۈگۈم سىقىلار ئ‍ۈنسىز رەۋىشتە.

قولۇمدىن كەلگىنى سەن ئ‍ۇچۇن دۇئا،
دۇئايىم ھەرۋاقىت ھەمراھتۇر ساڭا.
كەچۈرگىن جان ئ‍انا مىنى كەچۈرگىن،
سەن ئ‍ۈچۈن ئ‍ىگەمگە قىلاي ئ‍ىلتىجا.

چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرىمەن
قۇچاغلاپ مەڭزىڭگە سۆيۈپ كىتىمەن.
ئ‍ويغىنىپ قاراپلا يىغلاپ كىتىمەن
سەن يوق ئ‍انا قانچىلىك ياشاپ كىتىمەن.





22 قېتىم كۆرۈلدى دىلدار قىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-27 0:23:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ