تەنھالىقىمدا
ئابلىكىم مۇھەممەت خوتەنى
يالغۇزلۇق پىچاقتەك تېگەر سۆڭەككە،
ياڭرايدۇ زېمىندىن ئازاپلىق نېدا .
تىمتاسلىق ئىچىدە بۇلۇتلۇق ئاسمان ،
ياش تۆكەر قەلبىمگەبىر دەريا يىغا،
شۇقەدەر غېرىبمەن، خىياللار ئارا ،
تۆكىمەن كېچىدە ئايغا دەردىمنى .
مۇزلىتىپ كۆڭلىمنى قارا كۆز دىلدار،
ئاھ پايخان قىلدىڭسەن سۆيگۈ بېغىمنى .
چىللايدۇ ئازاپنىڭ نالىرەڭ كۈيى ،
مەستخۇش ئىلكىدە مېنى يېنىغا .
بىر مىسكىن ئاھاڭدا بوزلايدۇ خازان،
جۆر بولۇپ شۇ تاپتا قەلىب يېغامغا .
بىر ئەللەي ئېتىشتە جىسمىمغا توغراق
كۈچ بەرسە، ئىللىيدۇ يۈرىكىم بىر رەت.
ئۇرغۇسا قېنىمدا ئەجداتلار روھى
يىقىلغان جايىمدىن تۇرىمەن چەبدەس.
2016-12-28
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىكىم مۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-30 2:45:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|