....گەپ ياندۇرما ئاتا-ئاناڭغا....
ھەسەنجان ئۇچقۇن
..................................
تۇغۇلغان ئىدۇق بىز بىرتىرە-بىرجان،
ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ بىزنى چوڭ قىلغان.
قانداق ئىش بۇئەمدى ئۈنلۈك ۋارقىرغان؟
تىلىڭنى تارىت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
..................................
سىنى دەپ يىگىنى بولدى قاتتىق نان،
سىنى دەپ ياقايۇرتتا بولدى سەرگەردان.
ئەجرىنى قايتۇرماي چىدامدۇ ۋىجدان ؟
بالىدۇرسەن گەپ ياندۇرما ئاتا-ئاناڭغا .
...................................
بىلسەڭ ئەجىرسىز ئۆسمەس گۈل-گىيا،
ئاتا-ئانا ئەجرىدە چوڭ بولدۇق مانا.
ئويلاپ باق كەتسە ئۇلار كىلەمدۇ يەنا؟
بالىدۇرسەن گەپ ياندۇرما ئاتا-ئاناڭغا.
..................................
ئەركىلەپ ھەردائىم قىلساڭمۇ خاپا،
ئاتام دەپ يەتكىچە سالساڭمۇ جاپا.
ئاگاھ بول خىتابىم بولسۇنكى ساڭا؟
بالىدۇرسەن گەپ ياندۇرما ئاتا-ئاناڭغا.
..................................
ئاتا-ئاناڭ بارلىقى بەخىت گۈلى سەن،
ھاياتتا خوشلىقى كۈلكىسى ھەم سەن.
ئاتا-ئانا ئۇلۇغدۇر بۇنى بىلەمسەن ؟
بالىدۇرسەن گەپ ياندۇرما ئاتا-ئاناڭغا.
.................................
بولسىمۇ دۇنيارىڭ يىتىپ ئاشقىچە،
ياشىساڭمۇ ھاياتتا يۈزئون ياشقىچە،
ئاتا-ئانىسىز بەخىتلىك بۇلارسەن قانچە؟
بالىدۇرسەن زەردە قىلما ئاتا-ئاناڭغا.
...................................
نامىمىز ئۆچمەستۇر ئۇيغۇر مىللىتى،
ئاتا-ئانىنىڭ كۆپتۇر قىلغان ھىممىتى.
قەدىرلەپ ياشىدىڭمۇ ئېيتقىنە قېنى؟
بالىدۇرسەن مىھرىڭنى بەر ئاتا-ئاناڭغا.
................................
دۇنياغا كىلىمىز ھەممىمىز بىر رەت،
كەلمەيمىز قايتىلاپ بۇ بىر ھەقىقەت.
ئاتا-ئانا ھاياتىنى بىلدىڭمۇ قىممەت؟
بالىدۇرسەن دوق قىلما ئاتا-ئاناڭغا.
................................
............................................
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016 - يىلى10 - ئاينىڭ 18-كۈنى چېڭدۇ
265 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-18 12:36:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-20 12:20:44 | ئابدۇساتتار |
ئىنتايىن ياخشى يەنىمۇ تىرشىڭ |
2016-10-20 11:24:10 | زۆھرە |
بەك ياخشى يېزىپسىز ھەسەنجان مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى كۆپلەپ كۆرۈپ تۇرايلى جاپا چەكتىڭىز سىزگە كۆپ رەھمەت… |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|