ئايال بولماق تەس (شېئىر) - رابىيە

ئايال بولماق تەس
رابىيە


 ئاياللار ئايالدەك بولمىسا تېخى،
  پەرزەنتنى قاتارغا قوشمىسا تېخى.
ئاياللار مىھنەتكە چۆكمىسە تېخى،
 دۇنيادا راستىنلا ئايال بولماق تەس.

 گۈزەلدۇر دۇنيا كۈيۈنۈش بىلەن،
 گۈزەلدۇر ئاياللار سۆيۈنۈش بىلەن.
گۈزەلدۇر مۇھەببەت پاكلىقى بىلەن،
دۇنيادا راستىنلا ئايال بولماق تەس .

 قاچمايدۇ ھېچقاچان ئايال جاپادىن ،
 بەختىنى تاپدۇ قانات  ياپادىن .
  قورقىدۇ ئاياللار يۈرەك يارادىن،
 دۇنيادا راستىنلا ئايال بولماق تەس .
             
 ئىخلاسى ئايالنىڭ ئەللەرگە قانات،
ئاياللار ئاتا قىلدى نىمجانغا ھايات .
ئىخلاسى ئايالنىڭ بولمىغاچ مامات ،
  دۇنيادا راستىنلا ئايال بولماق تەس .
   
 تۇرىدۇ سەھەردە  ئەر بىلەن يانداش،
ئايالنىڭ مەخسىتى تۇرمۇشنى قامداش .
 پاك غۇبار ئايالغا بولدۇ سىرداش ،
 شۇڭلاشقا ھەممىدىن ئايال بولماق تەس .

 ئايالنىڭ مىھرى تۈنلەرگە چىراق،
 ناپاكلىق ئىللەتتىن ئاياللار يىراق .
 ئادالەت يولىدا يۈركى قايناق،
  دۇنيادا شۇڭلاشقا ئايال بولماق تەس .

 ئەرنى ئەر قىلغان ئايال خىسلىتى ،
 ئەرلىرى ئۈچۈن يوقتۇر مىننىتى .
 ئاياللار ئەلنىڭ ئۇشبۇ زىننىتى ،
 دۇنيادا راستىنلا ئايال بولماق تەس .

  ئاش تاماق ئەتكۈچە كۆيسىمۇ قولى،
  پەرزەنتنى پەپىلەپ تەگمىسە چولى.
  ئىشلەپ ئۆيلەرنىڭ بولدۇ قۇلى،
  دۇنيادا شۇڭلاشقا ئايال بولماق تەس .

  ئېچىلماس ئايالسىز زىمىننىڭ يۈزى ،
  بالىنىڭ چىھرىدە ئانىنىڭ كۆزى .
  بال ھەسەل تامدۇرار ئانىنىڭ سۆزى،
  دۇنيادا راستىنلا ئايال بولماق تەس .

بالغا ئاش-تاماق ئەتمىسە تېخى ،
 ئەرلەرنىڭ كەينىدىن يەتمىسە تېخى .
  گاھىدا دەرت-ئەلەم چىكىدۇ تېخى ،
  دۇنيادا راستىنلا ئايال بولماق تەس.
      





420 قېتىم كۆرۈلدى rabiya ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-23 4:35:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ