تاشلاپ كەتمە ئەزىزىم

تاشلاپ كەتمە ئەزىزىم

 

 دىلشات ئابدۇسەمەت

 

 ئەسلەيمەن بىرگە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى،

 مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان ئاشۇ تۈنلەرنى.

 يەنە كۆرسەم دەيمەن شېرىن چۈشلەرنى،

 تاشلاپ كەتمە ئەزىزىم ياشىيالمايمەن.

 

 چىن يۈرەكتىن بىراۋنى سۆيمەك قىينكەن،

 مېھىر بېرىپ يۈرەكتىن كۆيمەك قىينكەن.

 گۈلخان بۇلۇپ ئىشقىدا ئۆلمەك قىيىنكەن،

 تاشلاپ كەتمە ئەزىزىم ياشىيالمايمەن.

 

 ئىشقى ئوتى پىراقىڭدا كۆيمەكتە تېنىم،

 ئېرشەلمەي سۆيگۈڭگە ئۆلمەكتە دىلىم.

 سېنى سۆيىمەن دىيىشكە ئاجىزدۇر تىلىم،

 تاشلاپ كەتمە ئەزىزىم ياشىيالمايمەن.

 

 قاچان كىلەر يارىم دەپ باقىمەن يوللۇرىڭغا،

 كىلىپ قالساڭ گۈللەرنى تۇتار ئىدىم قوللۇرىڭغا،

 ھېچبىر سەۋەپ تاپالماي بارالمىدىم يانلېرىڭغا.

 تاشلاپ كەتمە ئەزىزىم ياشىيالمايمەن.





679 قېتىم كۆرۈلدى guqung ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 12:31:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ