سەنسىزلىككە كۆنەي قانداقمۇ - ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت-ئىھسان

 سەنسىزلىككە كۆنەي قانداقمۇ  

ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت-ئىھسان

سەنسىزلىككە كۆنسەمچۇ تىزراق،
بۇلار ئىدىم ھەسرەتتىن يىراق.
ۋادەرىخا كۆنەلمەي ئەمما،
ياشاپ كەلدىم يۈتۈپ دەرت-پىراق.

سەنسىزلىككە كۆنگۈم بار قەۋەت،
چۈنكى يالغان بولدى مۇھەببەت
جان دەپ سۆيۈپ بارىمنى بىرىپ،
قوشلاپ-قوشلاپ كۆردۈم مۇشەققەت.

سەنسىزلىككە كۆنسىچۇ كۆڭلۈم،
ئاستى-ئۈستۈن بولماستى ئۆمرۈم.
بىپەرۋاغا بولسامچۇ نىسىپ،
مەنمۇ سەندەك،ئەي ئاسى گۈلۈم.

سەنسىزلىككە كۆنسەم مەن ئەگەر،
ئاتار ئىدى قۇتلۇق بىر سەھەر.
ئەپسۇس ھىجران دەھشەتلېرىدىن،
قەن-ناۋاتمۇ بىلىندى زەھەر.

سەنسىزلىككە كۆنسەمكەن مەنمۇ،
مەنسىزلىككە كۆنگەندەك سەنمۇ.
بەرمەك بولدۇم خاتىمە ئەمما،
بىرەلمىدىم  قانچە قىلساممۇ.

سەنسىزلىككە كۆنەي قانداقمۇ،
بۇلار ئىكەن قىسمەت بۇنداقمۇ.
يا كىچەلمەي ياكى يىتەلمەي،
ئۆتمەك مۈشكۈل ئىكەن ئەجەپمۇ.





46 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-30 13:57:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ