باھار ھېدى كەلگەندە (شېئىر) - ماھىنۇر ئابدۇرھېم

باھار ھېدى كەلگەندە (شېئىر) 

 ماھىنۇر ئابدۇرھېم


ئېرىپ كەتتى توڭلارمۇ ،ئاقتى ئەگىز  سۇلىرى،
زەپمۇ گۈزەل تەبىئەت ،ئىللىق قۇياش كۈلگەندە.
دېھقان ئاتام ئىشلەيدۇ، مىھنىتىدىن تەر تۆكۇپ،
ھەممە  خۇشال يايرىدى  باھار ھېدى  كەلگەندە.

ئانا تەبىئەت چېھرىدىن كۈلكە كەتمەس زادىللا ،
بارچە دىللار شۇنچە  شات ،باھار كۈلۈپ كەلگەندە.
ئانىلارمۇ بوش  ئەمەس باشلىۋەتتى ئىش ئەمگەك،
بالىلارمۇ   شۇنچە  خۇش  ،باھار  ھېدى كەلگەندە.

قايناپ  كەتتى  ئېتىزدا ، ئىشچانلارنىڭ كۈلكىسى،
ھارغېنىنى بىلمەيدۇ، مېھنەتتىن   باغ  كۈلگەندە  .
ئۈرۈك ،ئالما ،شاپتۇللار  چىچەكلەشكە  غۇچچىدە،
تەييار بوپتۇ ،تولغاقتا ،باھار  ھېدى  كەلگەندە  

پات ئارىدا باغلارنىڭ ھۆسنى بەكمۇ  ئۇز بولۇر،
رەڭدار  چېچەك  ھېدىدىن بارچە  مەسىت بولغاندا.
سەھرا  دىمەڭ  يىزىمىز ،جەننەت   ماكان بولىدۇ ،
سەھرا قىزى  بەك  گۈزەل،  باھار  ھېدى  كەلگەندە.





79 قېتىم كۆرۈلدى aziza ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-25 17:43:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ