قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا
ھەسەنجان ئۇچقۇن
..............1................
تۇغۇلغان ئىدۇق بىز بىرتىرە-بىرجان،
ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ بىزنى چوڭ قىلغان؟
نىمە ئىش بۇئەمدى ئۈنلۈك ۋارقىرغان؟
تىلىڭنى تارىت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
...............2.................
سىنى دەپ يىگىنى بولدى قاتتىق نان،
سىنى دەپ كۈلپەتتىن چاچلار ئاقارغان.
ئەجرىنى قايتۇرماي چىدامدۇ ۋىجدان ؟
ئەقلىڭنى تاپ ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا .
................3.................
بالام دەپ چۆللەردە بولدى سەرگەردان،
سەن ئۈچۈن كەزدىيۇ دەشتى-باياۋان.
سەن ئۈچۈن كۆيمىدىمۇ گۇياكى ۋولقان؟
قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
................4................
يىغاڭدىن زوقلۇنۇپ تاڭلار ئاتقۇزغان،
جاپادا قۇيۇپسەن غەملەر تارىتقۇزغان.
ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ بىزئۈچۈن قالقان؟
قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا -ئاناڭغا
...............5...............
ئاتاڭنىڭ ئىزباسار ئارزۇسىدۇرسەن،
ئاناڭنىڭ شادلىقى بارلىقىدۇرسەن.
ئاتا-ئانا ئۇلۇغدۇر بۇنى بىلەمسەن؟
قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
..............6.............
ئەجىرسىز ئۆسمەيدۇ ھەربىرتۈپ گىياھ،
ئاتا-ئانا ھەردائىم بىزگە باش-پاناھ .
ئاتا-ئانىغا ۋارقىرساڭ بولمامدۇ گۇناھ؟
قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
................7..................
بولسىمۇ دۇنيارىڭ يىتىپ ئاشقىچە،
گىدەيمە كۆرەڭلەپ بۇلۇپ باشقىچە.
ياشايسەن ھاياتتا نەچچەيۈز ياشقىچە؟
قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
................8.................
ئەركىلەپ ھەردائىم قىلساڭمۇ خاپا،
ئاتام دەپ يەتكىچە سالساڭمۇ جاپا.
ئاگاھ بول خىتابىم بولسۇنكى ساڭا؟
قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
...............9...............
دۇنياغا كىلىمىز ھەمىمىز بىررەت،
كەلمەيمىز قايتىلاپ بۇبىر ھەقىقەت.
ئاتا-ئانا بارىنى بىلدىڭمۇ قىممەت؟
قەدىرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا.
...............10................
نامىمىز ئۆچمەستۇر ئۇيغۇر مىللىتى ،
چۇڭلارنى ھۆرمەتلەش ئۇيغۇر خىسلى.
ئۇيغۇرمۇ سەن باسمىساڭ ئەۋلاد ئىزىنى؟
قەدرىگە يەت ۋارقىرما ئاتا-ئاناڭغا .
...............11...............
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016 - يىلى11 - ئاينىڭ 1-كۈنى گۇۋاڭجۇ
415 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-3 10:11:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-6 19:46:02 | ئابدۇقادىر ئىزچى |
❤🌹🌹🌹🌹ئىسىل بوپتۇ دەت بەرمىسۇ شۇ قولىرىڭىزغا |
2016-11-6 15:47:32 | ۋولقان |
مەن بەك ياختۇردۇم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|