ئۇزات مېنى، ئەمدى مەن يوق (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئۇزات مېنى، ئەمدى مەن يوق
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

بامۇيە،چاقىرۋاتىمەن،
ئۇقلىغانمۇ،بىلمىدىم،
ساقلىدىم،زۇۋان يوق،
چىكىپ باققانمۇ،ھەي ئېست.

چاقىردىم ئۈنسىز،تىترەپ،
غايىپ بولدىغۇ،بەك تىز،
چۈشلىرىمدەك بىلىندى،
سانجىغاندەكلا بېگىز.

سەزگۈلىرىم ئويناقشىپ،
ئۆرتىنەتتى ھەسرەتلەر،
ئويلۇدۇم،قېنى كەل دەپ،
يەنىلا دىدىم بولدى بەس.

ئۆتۈپ كېتىپ نەچچە كۈن،
تېلېفونۇم سايرىدى،
توۋا دىدىم پىچىرلاپ،
يۈرەكلىرىم سىقىلدى.

نىمە دەي،يەنىلا سۈكۈت،
كېرەك ئەمەس سىناشلار،
تىلەيمەن بەخت پەقەت،
خوش ئەمدى بەڭۋاشلار.

ئۇنۇتقىنە ھەممىنى،
نازلىرىڭنى كۆرگۈم يوق،
سالما ئارتۇق دەرتلەر،
ئۇزات مېنى،ئەمدى مەن يوق.
     





149 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-8 23:26:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ