ھايات بىر تېپىشماق ھايات بىر سىناق - قۇتلۇق

 ھايات بىر تېپىشماق ھايات بىر سىناق 

 قۇتلۇق


ھاياتتا خىلمۇخىل ئىشلار بولىدۇ.
بەزىلەر كېتىدۇ بەزەن كېلىدۇ.
گاھىدا يىغلايدۇ گاھى كۈلىدۇ.
قىشى بار، ياز بولۇپ گۈلگە تولىدۇ.
ھايات بىر تېپىشماق ھايات بىرسىناق.

بەزىلەر بولىدۇ بېشىڭدا چىراغ.
بەزىلەر سالىدۇ دىلىڭغا پىراق.
بەزىلەر ئۆچ ساڭا بەزىلەر ئامراق.
رېئاللىق ھېچكىمدىن ئەمەستۇر يىراق.
ھايات بىرتېپىشماق ھايات بىر سىناق.

يېقىننىڭ يۈرەككە پىچاق سالغاندا.
ئىشەنگەن يالىرىڭ سەندىن تانغاندا.
قېرىنداش دوستلىرىڭ تاشلاپ ماڭغاندا.
بىلىسەن ئاخىرى كۈچتىن قالغاندا.
ھايات بىر تېپىشماق ھايات بىر  سىناق.

قۇتلۇق
2016.10.17
     





56 قېتىم كۆرۈلدى قۇتلۇق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-17 14:22:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ