شائىر نىداسى - پەخىردىن.قەمىردىن ئىزتاپ

 شائىر نىداسى

(پەخىردىن.قەمىردىن ئىزتاپ)

قاراپ قالدىم چەمبىرەكلەرگە،
ئاپتۇرى يوق شىئىرلار تولا.
يىل ئاي كۈنمۇ يوقاپتۇ يەنە،
بولۇپ قاپتۇ تاشلاندۇق كۇلا.

سەۋىرقىلدىم ئوڭشاپ قويۇردەپ،
ئىنسانلىقتا ئىشەنچىم باغلاپ.
مىسرالارمۇ ئۆزگىرىپتۇ بەك،
كۆڭۈل ئېزىپ يۈرەكلەر داغلاپ.

ئاغىنىلەر سۆزىچە بۇ ئىش،
چەمبىرەكنىڭ يارىشىقى ئىمىش.
ھاماقەتلىك ئەمەسمۇ ساقنى،
بۇزۇپ ياخشى گۈزەلدۇر دېيىش.

جان دوستلىرىم ئۆتۈنەي ئەمدى،
شېئىر بۇزۇپ شائىر بولماڭلار.
شائىر بولۇش شۇنچە ئاسانمۇ،
شېئىرلارنى يېتىم قىلماڭلار.

2016.9.5  كۈنى
   دۆشەنبە     


     





57 قېتىم كۆرۈلدى eztap ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-9 23:03:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-15 12:32:08 سەلىمەم يۇنۇسجان
بۇ شىئىر بەكمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ، بەك خوش بۇلدۇم ، سىزگە ئ‍امەت تىلەيمەن ،پەخىردىن تىخىمۇ تىرىشىڭ!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ