تەقدىر - مۇتەللىپ خىيالىم

تەقدىر

 

مۇتەللىپ خىيالىم

 

كىملەردىن تۇخۇلدۇڭ مانا بۇ تەقدىر،

 تەخىت ۋە بەخىتنى دىمىگىن تەقدىر·

تۈمەن مىڭ ئ‍ەجىرلەر مىۋىسى تەخىت،

 بەخىتنى بىرىگە بەرمىگەن تەقدىر·

 قانداق بىر جانلىق سەن مانا بۇ تەقدىر ،

 بولسا گەر بىر ئ‍ىنسان بۇمۇ بىر تەقدىر ·

 ئ‍ىنسان يۇ بۇلالماي قالسا بىر ئ‍ادەم،

باھانە بولمىسۇن بۇنىڭغا تەقدىر·

 ۋاپاسىز شۇ ياردىن بەخىتسز بولساڭ،

مىھنەتسىز شاھ تۇرۇپ تەخىتسىز قالساڭ·

 خاتا مېڭىپ يۇلۇمدىن ئ‍ازدىم دىگەندە،

ھەممىنى يېڭىدىن باشلامدۇ تەقدىر.

 تەقدىرگەتەقدىرگە ئ‍ارتمىغىن ئ‍ويلىغىن ھازىر،

 تەخىتنى ۋە بەخىتنى ئ‍ويلىغىن ھازىر.

قانداق ياشاش بولسا ئ‍ارزۇيۇڭ ،

ئ‍اسماندىن چۈشمەيدۇ بەرمەيدۇ تەقدىر.

دادا سەن بالاڭغا ئ‍ۈگەتكىن ھازىر،

 چۈنكى سەن بىر ئ‍نسان تەقدىرى بولغان.

 تەقدىر دەل ئ‍نساننىڭ ئ‍ىكەن كەلگۈسى،

 تەقدىرنى ئ‍ۆزگەرتىش پۇرسىتى ھازىر.

 تۇغۇلدۇق دۇنياغا ئ‍ۆلمەكمۇ تەقدىر،

بۇنۇڭغا تېپىلماس دۇرىمۇ ھەرگىز.

ئ‍ۈزىڭنى زەھەردە قەسلىسەڭ ئ‍ەگەر،

بۇنىڭمۇ ئ‍ىگىسى بولمىسۇن تەقدىر.





365 قېتىم كۆرۈلدى مۇتەللىپ خىيالىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-5-6 14:50:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-5-13 11:58:23 دوس
ياخشى يېزلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ