كۈزدىكى تەنھالىق
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
دەرەختە ياپراق سارغايدى،
ئالەمدە مەن سارغايدىم،
بىر ھەقىقەت
تۇپراق سۆيەر ياپراقنى قايتا،
ياپراق ئۈزىنى دەرەختىن ئاتسا...
بىراق مەن يالغۇز قالدىم ،
سايەمنىلا سۆيگەچ يۈرۈگۈم ،
تۇپراقتىن پۈتكەن تۇرۇقلۇق
تۇپراقنى پەقەت
تىرىكلىكتە دەسسەپ ئوينىسام
سۈيۈپ قۇيالايدۇ ئۆلۈگۈم
**********************
جاھاننى سوغوق باسماستىن بۇرۇن
يۈرۈگۈم مۇزلاپ بولدى مارۇژنا
بۆلجۈرگەنگە ئوخشىتىپ تۇرۇپ
بۆلجۈرگەن تەملىك ھاياتقا يۆگەپ
يەپ تاشلىدىم، كۆرۈڭلار مانا...
*******
ئاھ، مىنىڭ بۇ سارغايغان قەلبىم،
ئاھ،كۈزدە قالغان تەنھالىغىم ،
بۇلتۇر قىشتىن ئېشىپ قالغان ئەسلى
يىرتىق يۈرەك بىلەن ھېيىت كىلىپ
ئوينىۋالدىم بىرپەدە پىرە
داپ بىلەن
لاپ بىلەن
ھاپ بىلەن
ئەمدى بىلدىم
كۈلپەت قوغلاپ ئۈتۈپتۇ كۈنلەر
شادلىغىمنى ئېپ قاپتۇ يەسلى...
خىياللىرىم توڭلاپ قالغان قۇش،
ۋىجدانىمدەك چەيلىنەر غازاڭ،
سىنى ياخشى كۈرەتتىم،ئەپسۇس.
كۈز پەسلى
ئەي كۈز پەسلى.....
2015-يىل9- ئۆكتەبىر
47 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-7 10:59:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|