بالىلىقنى سېغىنىش
ئىمىنجان ئابدۇرېھىم
كەل دۇنيا بۇدەرىتى بىللە تارتايلى،
سەن بىلەن بىر قەدەھ تولدۇرۇپ ئىچەي·
ۋەياكى مەن سېنى ئىچەي مەي بىلەن،
ياكى مەن بۇكېچە دۇنيادىن كېچەي·
سەن ماڭا پۇشايمان دورىسى بەرمە،
بەر ماڭا ئازاپتىن ئاچچىقراق شاراپ·
ئازاپنىڭ ھەمىمىسى ئاچىچىق بولسىمۇ،
پۇشايمان ئازابى ئازابتىن ئازاپ·
بۇ كېچە بۆلەكچە تۇتماقتا مېنى،
مىڭ تەستە ئۇنتۇلغان شاراپ خۇمارى ·
دۇتارمۇكەلمىدىچ چالغان پەدىگە،
ئەۋجىگە چىققاندا قېچىپ ئۇدارى·
ئەي دۇنيا قوينۇڭ كەڭ بولسىمۇ قانچە،
بىلمىدىم نىمىشقا ماڭا كېلەر تار·
ئۆزگىنىڭ باغلىرى قىشتىمۇ باھار،
مەن ئۈچۈن تومۇزدا نىچۈن ياغار قار·
بالىلىق نەلەردە يۈرۈيدىغانسەن،
بارئىدى ھازىرلا قوينۇڭغا قايتقۇم·
كونا كەپەمدە قالغان چانامنى،
قارلارنىڭ ئاسىتىدىن كەلمەكتە تاپقۇم·
52 قېتىم كۆرۈلدى | ئىمىنجان ئابدۇرېھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-26 19:22:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|