ئاشۇ قىز
ئەسقەر قۇربان
تاللىۋالدىم گۈلزار ئىچىدىن ئېسىل بىر گۈلنى،
گويا ئەنبەر خۇشبۇي ھىدى تارتتى مەيلىمنى.
چىرمىۋالدى ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر سېزىم،
بىلەلمىدىم ،خالامدىكىن بەرسەم كۆڭۈلنى.
دىل تارىمنى چەكتى ئۇنىڭ گۈزەل خۇلىقى،
كۆزئالدىمدىن كەتمەس ھامان بىرجۈپ زىنىقى.
سەرسانىمەن ئۇنى ئويلاپ ھەركۈنى شۇنداق ،
يۈرىكىمنى ئوغۇرلىدىڭ ئەي ئاقسۇ قىزى.
تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىمدۇر زىلۋا بەللىرى،
ئەستىن چىقماس شۇنچە تاتلىق قىلغان گەپلىرى .
ئاڭلىنىدۇ پات_پات مېنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە،
مەن سنىڭكى ،مېنى كۈتكىن دىگەن سۆزلىرى.
زەپ قىينىدى يۈرۈكىمنى ئاشىقلىق ئوتى،
ياتالمىدىم سېغىنىپمەن سېنى ھەركۈنى.
قېنىۋالسۇن چىن سۆيگۈنىڭ ئوتلۇق مېھرىگە،
كۈتۈش ئىچرە چاڭقاپ كەتتى ئاشىق يۈرىكى .
تەشنا يۈرەك پىچىرلايدۇ تىنماي ھەركۈنى،
ئۈمۈت ئىچرە كۈتۈپ شىرىن ۋىسال پەيتىنى .
ۋەدىمىزدىن سۆيگۈ گۈلى چىچەكلىگەندە،
توي قىلىمىز باش باھاردا ھامان بىر كۈنى .
مەنبە: كۈندىلىك خاتىرەمدىن
208 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-30 0:03:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|