سىنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ھامان

         سىنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ھامان



ئابدۇرازاق شەمئى

ھەمرا بولدى كۆكتە تولۇن ئاي،
نىگار سەنسىز قالدىم  بۇ كېچە.
چۈشلىرىمگە بەرمەيسەن ئارام،
پىراقىڭدا قېيناپ تاڭغىچە.

مەن لېۋىگە سۆيگەن كېچىنىڭ،
ئىزنالىرى قالدى   لېۋىمدە.
قىيناقلارغا سالدى سېغىنىش،
سەن بىلەتتىڭ بۇنى ئەلۋەتتە.

ئۇچۇپ يۇردۇم خىياللار بىلەن،
دۇلقۇنلارغا شۇڭغۇدۇم ناگان.
بولساممۇ گەر« ئۆلۇم»نىڭ قۇلى،
سىنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ھامان.


2017.6.23


تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت 

مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى




     


     





126 قېتىم كۆرۈلدى abdurazak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-24 18:57:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ