ئازاپلىق ئۆرتىنىش - تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)

   ئازاپلىق ئۆرتىنىش

تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)

♦
سەن تۇغۇلدۇڭ خوش قىلىپ بىزنى،
تاتلىق كۈلكەڭ تېخى يادىمدا،
ھېچ ئامالى يوقمىدۇ ۋايتاڭ،
رەزىل تەقدىر قىسمەت ئالدىدا،
♦
تېخى تۈنۈگۈن ئويناپ يۈرەتتىڭ،
تايچاق كەبى ئويناقلاپ چېپىپ،
سەكلەپقىنا تۇرساڭ ئورنۇڭدىن،
ئوينىمامتۇق توپۇڭنى تىپىپ،
♦
ئېشىپ كەتتى بۇ بەرگەنلىرىڭ،
چاقچاق قىلما ئەي تەقدىر بۇنداق،
قايتۇرۇپ بەر خۇشاللىقىمنى،
دەرتتە قويما بىزلەرنى ئۇنداق،
♦
تېخى سەبىي بالا ئىدىغۇ،
سۈت پۇرىقى تۇراتتى پۇراپ،
جەڭ قىلماقتا ئەزرائىل بىلەن،
جان تالىشىپ ياتماقتا ئىڭراپ،
♦
بىر كۆرۈشكە تەقەززا بولدۇم،
ئوماققىنا تاتلىق يۈزۈڭنى،
يۈرەكلىرىم بولدى لەختە قان،
دەتتە قويما جان قوزام بىزنى،
♦
ئويلاپ ئۇكام كۈلكىللىرىڭنى،
يىغلىۋەتتىم چىداپ بولالماي،
قشىڭغىمۇ بارالمىدىم ھېچ،
سېغىنغاندا باغرىم باسالماي،
♦
مەن ھەممىنى چاقچاق دەپ بىلەي،
ئۇنداق قىلما سەندىن ئۆتۈنەي،
بىزدىن ئايرىپ ئېلىپ كەتمىگىن،
چاكىرىڭ بوپ ساڭا يۈكىنەي…
♦
ھېيىت بوپتۇ ئاڭلىسام بۈگۈن،
خۇشال كۈلۈپ يايرىيالمىدۇق،
سەنسىز كۈلكە ھارامدۇر بىزگە،
شىپا ئىزدەپ يا  تاپالمىدۇق،
♦
……داۋامى بار
            2016-07-06-كۈنى
          -تۇنساگۇل ئىسمائىل (قەشقىرى)
♦
♦
     





55 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۈل ئىسمائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-1 0:12:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ