ئۆلۈم ناخشىسى
ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك
كۆمۈلگەندە قەبرىگە بۇ تەن،
لەھەت بۇلار مەڭگۈلۈك ۋەتەن.
تاۋۇتىنى كۆتۈرگەن قوللار،
قەدەم سالار مىڭ خىيال بىلەن.
ئۇيغۇرۇمنىڭ نامىزىمۇ توي،
ئۇزىتىدۇ ھۆرمىتى بىلەن.
كۆزلەرە ياش دىلارمۇ سۇنۇق،
تەزىيەدە سۈكۈتى بىلەن.
قېتىپ قالغان قارچۇقلىرىدا،
لەيلەپ يۈرەر لىپمۇ لىق ئارمان.
يەتتە كەتمەن تۇپا تاشلىنار،
خىياللىرىڭ تىپتىنىچ ھامان.
خالىمايدۇ ھېچكىم ئۆلۈمنى،
لېكىن ھامان ئاداققى مەنزىل.
كۆز ياش تۆكەر قەدىردانلىرىڭ،
كىمدۇر يەنە ئۈن سالار بەك زىل.
ياشاپ يۈردۈڭ ئۆلمەيدىغاندەك،
گۇيا پاتماي كەڭرى دۇنياغا.
ھېچنىمىنى ئەپ كېتەلمەيسەن،
كۈچۈڭ يەتمەس بىرتال گىياغا.
ئىز دېرەكسىز غايىپ بولىسەن،
قۇملار كەبى تۇزۇيدۇ ھەممە.
ئۆچۈرىدۇ ئىزىڭنى شامال،
ئۇنتۇلىسەن چۈشتەك بىردەمدە.
ئىز قالدۇرار يەنە بەزىلەر،
تاش ئۈستىگە ياساپ ئۇز نەقىش.
يادلىنىدۇ نامى مەڭگۈگە،
ئەۋلادلىرى قىلىدۇ پەرۋىش.
دۇنيا قالار بىزلەر كېتىمىز،
چۆكۈپ كېتەر ھايات كېمىمىز.
پاك تۇپ راكنى قۇچاقلاپ قانماي،
ئاھ مەڭگۈلۈك ئۇخلاپ كېتىمىز.
2016/5/23يۇرتى قاراقاش
444 قېتىم كۆرۈلدى | xahturk666 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-5-27 0:31:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-22 12:50:06 | ئەخەت قارى |
ئىسىل يىزىلىپتۇ 🌹🌹🌹🌹 |
2016-5-29 14:55:31 | ئاقىل |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
2016-5-28 12:05:59 | رابىگۈل |
ئىسىل يىزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|