چۈش
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
ئويغاقمەن
ھەممىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمەن ،
كوچىلار كۆپىيۋاتىدۇ
ئەمما مەن بىر كوچىنى ئېزدەۋاتىمەن …
چۈش
قىزدۇرماقتا يولنىڭ مەڭزىنى ،
يالاڭ ئاياقمەن
پۇتلۇرۇم كۆيىۋاتىدۇ
خۇددى چوغقا دەسسىۋالغاندەك …
توختاپ قالايمۇ ؟؟؟
ئىزدىمەيمۇ يا شۇ كوچىنى
سايىگە بىرىپ ئالايمۇ ئارام
ساقىياربەلكىم
ئۇزاق يىللىق شۇ كونا يارام ……
ئويغاقمەن ،
لىكىن ئۇيقۇ بىسىۋاتىدۇ
پىشانەم يىغلاۋاتىدۇ
ئۇخلىساملا يوقايدۇ بۇ چۈش
لىكىن بولىدۇ ھەممىسى بىر چۈش ……
2016.يىلى 14.ئۆكتەبىر كۈيتۈن
| 33 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-17 1:44:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|