خەپ توختا
مەمەتجان سەمەت
ئالاي دېسەم ياراتمىدىڭ،
چىشىمغا سەن تېگىپ تولا.
شۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن سېنى،
ئېلىپ قاچىمەن خەپ توختا.
كۆرۈپ قالسام يوللاردىمەن،
ياكى ئېتىز بويلىردىمەن.
تۇتىۋېلىپ قولۇڭدىنمەن،
ئېلىپ قاچىمەن خەپ توختا.
ئىشىك ئالدىڭغا چىقساڭلا،
يۈگۈرۈپ بېرىپ يېنىڭغا.
ئېسىلىپ تازا چېچىڭغا،
ئېلىپ قاچىمەن خەپ توختا.
يالغۇز قالساڭ سەن ئۆيۈڭدە،
كىرىۋېلىپ مەن ئۆيۈڭگە.
قولاق سالماي گەپ سۆزۈڭگە،
ئېلىپ قاچىمەن خەپ توختا.
ئاتا ئاناڭ توسالمايدۇ،
ئاكاڭمۇ ھەم ئۇرالمايدۇ.
قوغلىسىمۇ تۇتالمايدۇ ،
ئېلىپ قاچىمەن خەپ توختا.
كىرەر بولساممۇ تۈرمىگە،
ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلۈمگە.
نىمە بولساممەن ئۆزۈمگە،
ئېلىپ قاچىمەن خەپ توختا.
ئاپتورى مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار. چ چ. 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
455 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-16 18:30:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-19 3:39:52 | نازۇك قىز |
قولڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|