خىيال
قىزىل تۇمان
قۇلىقىمغا شىۋىرلاپلا تۇرىدۇ شامال،
خىياللىرىمنى سەن قىلدىڭ قامال.
ئازاپتا ھەرۋاقىت يىغلايدۇ يۈرەك ،
جىمجىت ياشايمەن مەندە نە ئامال ؟
يامغۇر بۇلۇپ تۆكۈلۈپ كەتسەڭ ،
ياشناتساڭ قەلبىمدىكى گۈلزارلىقىمنى.
شامال بۇلۇپ گۈركىرەپ كەتسەڭ ،
ئۇچۇرۇپ كەتسەڭ قەلبىمدىكى ئازاپلىرىمنى.
مامكاپ بۇلۇپ توزۇپ كېتەرمەن ،
بورانلىرىڭغا بېرەلمەي بەرداش .
زەرىپ بىلەن ئۇرۇلارمەن قىرغاقلىرىڭغا ،
كەلكۈنلىرىڭگە تەس ئىكەن چىداش.
شامال بۇلۇپ ئۇچسامكەن دەيمەن ،
ئازاپلارنى ئۇنتۇپ كەتسەمكەن دەيمەن .
قەلبىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر پىنھان جايلىرىدىن ،
مەڭگۈ مەنلا ئورۇن ئالسامكەن دەيمەن.
| 126 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-20 17:30:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|