ئۇستاز

ئۇستاز

كەۋسەر 

      

       تاڭ سەھەر نۇر چاچقان قۇياش بىلەن تەڭ،

        نۇر چاچتىڭ زىمىنغا گۈل ھۆسنۈڭ بىلەن.

چاڭقىغان قەلىبكە تېمىتىپ زەمزەم، ‏

    سۇغۇردۇڭ دىللارنى يۈرىكىڭ بىلەن. ‏ ‏


       چىن دوستۇڭ قەلىمىڭ ھەمرا ھەر كۈنى،

‏   سەن بىلەن سۆزلەيدۇ مىسرالىرىڭنى.

‏دەپتەرلەر دۆۋىسى تەلمۈرۈپ ساڭا، ‏

كۈتىدۇ شۇ ئەزىز ئىمزالىرىڭنى. ‏   


‏   كۆزلىرىڭ تىكىلگەن دەپتەرلىرىڭگە، ‏

تۈن كىچە ئۇيقۇدا ھەتتا تەبىئەت. ‏

     ئۇيقۇنى ئۇنتۇغان ئىنسانسەن شۇنداق،

‏        مۈكچەيگەن قەددىڭدىن ئايمۇ خىجالەت. ‏


‏سۆيىدۇ ھەر ئىنسان ئۆز بالىسىنى،

‏       سىنىڭدەك سۆيەلمەس ھەربىر سەبىينى. ‏

   كۆيىدۇ مەشئەلمۇ يالقۇنجاپ شۇنداق،

‏   سېنىڭدەك كۆيەلمەس ئېرىتىپ دىلنى.


‏  مۇنبەرگە چىققاندا ئۇنتۇيسەن ھەتتا،

‏ئاتاڭنى ئاناڭنى يۈرەك پارەڭنى.     ‏

        ئامانەت سەن ئۈچۈن قىممەتلىك شۇنچە،  

‏ دانكۇدەك يارىسەن يۈرەكلىرىڭنى......


‏2015.9.9.

غۇلجا شەھەر 5-باشلانغۇچ


‏ بارلىق مىھنەتكەش كەسىپداشلىرىمغا بىغىشلايمەن!!!





166 قېتىم كۆرۈلدى كەۋسە ر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-10 0:05:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ