مەن نېمە - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

   مەن نېمە؟

ئەنۋەر ھاكىمنىڭ  نېمە بولدۇم؟ ناملىق ناخشىسغا تەقلىد

ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

ئاھ ئۆزەمنى پەلۋان دەپ بىلگۈنۈم نېمە؟
يۇۋاشقا مۇش ئېتىپ يۈرگۈنۈم نېمە؟
كۆرگەندە شۈمشىيىپ مۇشتى يوغاننى،
خۇشامەت ئىلكىدە كۈلگۈنۈم نېمە؟

نامەرتكە دوست بولۇپ ئۆتكۈنۈم نېمە؟
ۋاپاسىز جاناننى سۆيگۈنۈم نېمە؟
گۈللەرنى تۇزتۇپ غازانلار ئەيلەپ،
تىكەننىڭ ئىشقىدا كۆيگۈنۈم نېمە؟

ياخشىلارغا ئاداۋەت تۇتقۇنۇم نېمە؟
ھەسەتخورلۇق ئىلكىدە ئۆتكۈنۈم نېمە؟
ئىگزگە چىققانغا ئۇرلار كۆلاپ،
تۆۋەندە قالغانغا مۈنگۈنۈم نېمە؟

ناخشا تېكىستى
ئۈندىدار 2318334127
     





28 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-19 11:49:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ