كەلمىدىڭ
خەلىپە ئسمايىل
يولۇڭ قاراپ نىگارىم،كۆزۈم تالدى كەلمىدىڭ.
قەلەم تۇتقان قوللۇرۇم قاپاردىيۇ كەلمىدىڭ.
بىز قۇچاقلاپ ئوينىغان ئاشۇ تەنتەك قوزىلار،
ئانا بولدى قانچە رەت قۇچاقلاشقا كەلمىدىڭ.
ئېسىڭدىمۇ ئېتىزىن كولاپ يىگەن سەۋزىلەر،
شۇنچە يوغان باش ئالدى،بۇ يىل يازمۇ كەلمىدىڭ.
بىز ياماشقان ئۈجمىگە قونۇپ كاككۇك سايرىدى،
ئۆزۈم يالغۇز شاخلاردا ئۈجمە يىدىم كەلمىدىڭ.
تۇيار مېنىڭ كۆڭلۈممۇ ئەمما ئىنكار قىلغۇم يوق،
قورۇققانغا قوش كۆرۈنۈپ ئەجەپ ئۇزاق كەلمىدىڭ.
بىلدىم چاندىڭ سەھرادىن،خوپ ياراشتى تاش شەھەر،
شۇڭا سەھرا ئاشىقىڭ چىللىسا سەن كەلمىدىڭ.
نېمە ئۈچۈن
مۇھەببەت مەن ئۈچۈن يېپيېڭى كىتاپ،
مەن تېخى بىرەر بەت ئوقۇپ باقمىغان.
كۆزلىرىم خاتىرجەم شىرىن ئۇيقۇدا،
ۋە لىكىن باغلارغا قارلار قونۇشقان.
تاش ئېتىپ باقمىدى ھەتتا بىر كىممۇ،
مەن شۇنداق تىپتىنىچ ئاققىلى نىكەم.
سىلكىپمۇ باقمىدى بەرگىمدىن بۇلبۇل،
خىلۋەتتە گۈل بۇلۇپ ئۆسكىلى نىكەم.
كىتابقۇ قولۇمدا ئەمما بەرىبىر،
مۇھەببەت يېزىقى ماڭا ناتونۇش.
يۈگرەيدۇ قۇرلاردا تىنىمسىز كۆزلەر،
ئۈزگىنى دېڭىزدا بىر تەنھا قېيىق.
ئەگىشىپ سايىدەك كۆرەك شامالغا،
نېمىدۇر تەما قىپ يۈرىمەن ئېزىپ.
ۋە لىكىن قىرغاقتا قالىدۇ چۈشلەر،
تەنھالىق ھۇۋلايدۇ قەلبىمنى كېزىپ.
40 قېتىم كۆرۈلدى | nightfall | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-22 7:14:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|