ئۇيقۇسىز كېچە
ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
كىملەردۇر ياد ئېتىپ سۆيگەن يارىنى ،
ئۇيقۇسىز ئۆتىدۇ ھەر بىر كېچىسى .
مەن يالغۇز ئاھ ئۇرۇپ يىغلامسىرايمەن،
سېنىڭ تويۇڭ بولغان شۇ كۈن كېچىسى .
ئۇيقۇسىز يىغلىدىم شۇ كۈن كېچىسى ،
چىرمىغاچ قەلبىمنى پىغان ۋە ئازاپ .
تويۇڭ بولدى بۈگۈن باشقا بىر بىلەن ،
ئۇيقۇسىز بۇ كېچە قالدىم مەن يىغلاپ .
ئۇلغايدى قەلبىمدە رەشىك ئوتلارى ،
قاغجىرغان ۋۇجۇدۇم چاراسلاپ يېنىپ.
يىغلىدىم تاڭغىچە بىر سېنى ئويلاپ ،
ئۇيقۇسىز بۇكېچە سېنى ياد ئېتىپ .
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
2016-يىلى 5-دېكابىر
| 122 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-6 2:23:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|