مۇھەببىتىم ساڭا خەير - خۇش دەۋەتتىم

مۇھەببىتىم ساڭا خەير - خۇش دەۋەتتىم

 

 ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى

 

 مۇھەببتىم ساڭا خەير - خۇش دەۋەتتىم ،

 يۈرۈكۈمنى« قوشخانىغا » ئەۋەتتىم .

 ئەمدى ئۇنى پارچىلايدۇ قاسساپلار ،

 ئىقىپ چۈشەر ئوندىن قايغۇ - ئازابلار.

 مۇھەببتىم ساڭا خەير- خۇش دەۋەتتىم !

 

 باھار گۈلى پۇراق چاچماس ھېچقاچان ،

 ئىلىمايدۇ يۈرۈكۈم مۇز- زېمىستان.

 ئىچ - ئىچىمدىن قويۇلسىمۇ قىزىل قان ،

 مۇھەببىتىم ساڭا خەير - خۇش دەۋەتتىم !

 

 يارنى كۈتۈپ يۇردىم ھامان كىلەر دەپ ،

 ئالتۇن جامدا زەمزەم قويۇپ بىرەر دەپ.

مېنىڭ ئۈچۈن دەشتى يابان كىزەر دەپ ،

 ئۇ كەلمىدى قالدىم يېغلاپ ئېسەدەپ.

 مۇھەبىتىم ساڭا خەير-خۇش دەۋەتتىم !

 

 ھېچبىر ئەسرار بولۇشمايلا ئايرىلدۇق ،

 ئاشىق تورۇپ سۆيگۈمىزنى يوشۇردۇق.

 ئېيتالمىدىڭ لىكىن ماڭا ئوپئۇچۇق ،

 سېنىڭدە بار پۇل، مال - دۇنيا مەندە يوق،

 ئامال قانچە قومدىن شېخىل ئايرىدۇق.

 مۇھەببىتىم ساڭا خەير- خۇش دەۋەتتىم !

 

 قايتىپ كىتەي ئەمدى يىزا - سەھرامغا،

قۇي باقىمەن شىرىك بولۇپ دادامغا.

 نان ياقىمەن ئەمراھ بولۇپ ئانامغا ،

 تەلىيىم كاج جىگدە چۈشمەس دۇپپامغا.

 يىتەلمىدىم كۈتكەن ئارزۇ- ئارمانغا.

 مۇھەببىتىم ساڭا خەير- خۇش دەۋەتتىم!

 

 2015- يىل. . .

 ئىزاھات: قوشخانا دېگەن سۆز قاسساپخانادېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.





194 قېتىم كۆرۈلدى ھوشۇر ئامىرجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 20:55:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-23 10:24:36 يارلانغان يۈرەك
بىر خىل چەتئەل پۇرىقى باردە مۇشۇ بالىنىڭ شېئىرلىرىدە كۆز تەگمىسۇن ئ‍ىنىم داۋاملىق تىرىشقىن !
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ