دادامدىن ئۇدۇم قالغان (شېئىر) - مۇھەممەتنىياز

دادامدىن ئۇدۇم قالغان

مۇھەممەتنىياز(چارەك)

مەن بىر ئەركەك ئەلنى كۇيلەپ زەپەر يۇلىغا ماڭغان،
ئەل ئىشقىدا كۆيىدۇ جىسمىم گۇيا شامىدەك يانغان،
ۋەتىنىم ئۇچۇن رازى بولساممۇ مەيلى كۇكۇم تالقان،
كۆڭۇل رىشتىم ئەل ۋەتەنگە قەسەم بىلەن باغلانغان،
بۇ ئادەتلەر ئەلنى سۆيگەن دادامدىن ئۇدۇم قالغان.

ئەل سۆيگەننىڭ يۇلى داغدام ئەتراپى ئىكەن گۇللۇك،
باغرى ئىسسىق ئەل قۇينى جەملەنگەن ئىناق ئۆملۇك،
ئەلدىن تاپتىم ھۆربەخىتىمنى ئەل كۆرۇنەرسۆيۇملۇك،
قۇغداش ئۇچۇن ۋەتىنىمنى ھەر زامان يەڭ تۇرۇگلۇك،
بۇ خىسلەتلەر ئەلگە كۆيگەن دادامدىن ئۇدۇم قالغان.

دادام ئوتلۇق مېھىرلەردە تاشلىمىغان يېتىم نامراتنى،
قىبلە بىلىپ بىيجىڭنى چوڭ بىلمىدى مەككە باغداتنى،
ئىشەنمىگەن پىتنە ئىغۋالارغائۆرنەك قىلغان قانائەتنى،
ئۇنتىمىغان پارتىيە بەرگەن بەخىت ئىقبال سائادەتنى،
بۇ ئادەتلەر ۋەتەنگە كۆيگەن دادامدىن ئۇدۇم قالغان.

ئەلنىڭ باغرى ئىللىقتۇر ئۆستۇردى تېمەن سۇمباتلىق،
ياشلىق باھارىم چېچەك ئاچتى مەنا تاپتى ھاياتلىق،
پارتىيە بىزگە يۇلباشچى بولغاچ سۇقالمىدى قاناتلىق،
پارتىيگە رەھمەتلەر ئاتام كۇلكىسىگە ئۇلاپ شاتلىق،
بۇ خىسلەتلەر ئەل دىلكەشى دادامدىن ئۇدۇم قالغان.

2017-يىلى 4-ئاي 22-كۇنى قەشقەر
     





266 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتنىياز(چارەك) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-22 22:52:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ