ئۆلمەس ئارزۇ
كۆز سالسام ئالدىمغا يورۇق بىر دۇنيا ،
ۋە لىكىن جاڭگالىق گۇللشەنلەر ئارا.
گەر جاڭگال مەنزىلگە يىتىپ بارسام مەن،
شۇ ھامان بولىدۇ يورۇق يەر قارا.
قەلبىمدە قەيسەرلىك ئۇرغۇپ بارىدۇ،
قار جاڭگال مەنزىلىنى شۇئان يارىدۇ.
كەسكىن روھ لەرزىدە ئالدىغا قاراپ،
شاتلىقتا مەن بىلەن گۇلشەن ئاشىدۇ .
يامىشىپ ئارزۇيۇم داۋانلىرىغا،
ئۇچۇرام توسالغۇ قىيانلىرىغا.
ئۆمۇدنى قىلىچ قىپ بىرەرمەن زەردە،
شۇ ئۆمۈر جاڭگىلى بورانلىرىغا.
بىشىمدا يەنە كۇپ ھايات سىنىقى،
ۋە لىكىن ئۆچمەيدۇ ئارزۇ تىنىقى.
ئۆلمەس روھ ئىرادە بولسىلا سەندە،
مۇرادقا يىتىسەن گەپنىڭ ئىنىقى.
123 قېتىم كۆرۈلدى | armanimba | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-12 12:42:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|