يامغۇر
خۇمار (يامغۇر)
ئۇ چاغلاردا سەن يوق ئىدىڭ،
بالىلىقىمدا ھەممىدىن بەك،
يامغۇرنى سۆيەتتىم ،
قاچانكى ماڭا بىر دەرت كەلسە،
قاچانكى مىنى بىر ھەسرەت ئەزسە ،
يامغۇر ياغاتتى...
تىڭشايتتىم...
ئۇزۇندىن ئۇزۇن تىڭشايتتم...
تۇتاتتىم...
ئۇچۇملاپ ئېلىپ شۇ ئاجىز قوللىرىم بىلەن،
ۋە تۇپراقتىن چىققان ،
 تۇيغۇلىرىمغا سىڭپ كەتكەن،
ئاشۇ تۇنۇش ھىدنى ھىدلايتتىم،
شۇ جانسز تىنىقلىرىم بىلەن،
شۇنداق،قانماي ھىدلايتتم ...
ئوتلىرىم ئۆچەتتى ...
كېيىن چوڭ بولدۇم...
سنى كۆردۈم ……
كۆزلىرىڭنى كۆردۈم...
كۆيدۈم...
يامغۇر ياغدى....
ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يامغۇرغا چىلاشتم،
كۈنلۈكسز كوچىلاردا ساراڭ ئاتالدىم ،
ۋە تۇنجى قېتىم ئۆچمىدىم...
مەن يامغۇردىن بەكرەك بىر سېنى سۆيەلىدىم...
2016-يىل 22-ئۆكتەبىر.غۇلجا.
      
| 66 قېتىم كۆرۈلدى | yamgur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-26 18:55:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |