ئ‍اجراشماڭلار ئ‍اتا-ئانىلار - دىلدارقىز سىيىت

ئ‍اجراشماڭلار ئ‍اتا-ئانىلار

 

بەندىنى بەندىگە مۇھتاج قىلمىغىن،

بىراۋلار ئ‍الدىدا باش ئ‍ىگىلمىسۇن.

ئ‍ىگىلمەي غادىيىپ ياشالايمەن دەپ،

كۆزلەردىن بىھۇدە ياش تۆكۈلمىسۇن.

 سەبىيلەر چىرايى سۇلغان گۈل بولۇپ،

دادا دەپ ھەرتەرەپ ئ‍ىزدەپ يۇرمىسۇن.

 چوڭ بولۇپ قاتارغا قىتىلغان چاغدا،

 ئ‍انام دەپ چىرايىڭ ئ‍ەسلەپ قالمىسۇن·

ئ‍وماقلار دادىنىڭ مېھرىگە قىنىپ،

ئ‍انىنىڭ قوينىدا ساغلام يىتىلسۇن.

ئ‍انا ھەم دادىنىڭ ھىمايىسىدە،

ياراملىق ئ‍ادەم بوپ ئ‍ەلگە قىتىلسۇن.

سەبىيلەر كەلگۈسى تولىمۇ پارلاق،

 شۇ كەڭرى ئ‍اسماندا يۇلتۇز چاقنىسۇن.

 يۇلتۇزلار ئ‍ىچىدە ئ‍ەڭ پارلاق يۇلتۇز،

 چولپان يۇلتۇز بوپ ئ‍ەلگە نۇر چاچسۇن.

نىكاھقا كەلگەندە مىڭ جىڭ تاش بولۇپ،

 ئ‍ىغىرلىق قىلساڭلا ھەممە ئ‍ۆتىدۇ.

ھەمراھ قىل ئ‍ۆزەڭگە ئ‍ىغىر كۈنلەردە،

سەۋىرقىلسام بۈ كۈنلەرمۇ ئ‍ۆتۈپ كىتىدۇ.

ئ‍اجراشماڭلار ئ‍اتا-ئانىلار،

 ئ‍وغرى بولمىسۇن ئ‍وماق ئ‍وغۇللار.

ئ‍انام يوق دادام يوق نەگە باراي دەپ،

قاۋاقتا ياتمىسۇن تاتلىق قىزىڭلار.

ئ‍ەر بولساڭ ئ‍ايىغىن ئ‍ايالغۇچىنى،

يادىڭغا ئ‍ەپ تۇرۇپ ياراتقۇچىڭنى.

 ئ‍اياللار دىلىدۇر تولىمۇ نازۇك،

شۇندا، ياخشى كۆرىدۇ ئ‍ايىغۇچىنى.

 

 دىلدارقىز سىيىت

 2016-08-01 





149 قېتىم كۆرۈلدى دىلدارقىز سىيىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-4 0:41:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-6 23:41:58 dilnar
yahxi yizipsiz,kolingizga dat kalmisun.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ