جان دوستۇم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
ناخشاڭنى ئېيتالامسەن،
دەرت-ئەلەم كىلىپ قالسا،
ھال-مۇڭدا بولالامسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
دوستۇم دەپ دېيەلەمسەن،
بېرىپ ئىللىق مېھرىڭنى،
خۇشاللىق بېرەلەمسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
مېھرىبان بولالامسەن،
قىزىلگۈل ئۈزۈپ كېلىپ،
چىن دىلدىن سۇنالامسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
سۆيگۈڭنى بىرەلەمسەن،
چۆللەردە ئېزىپ قالسام،
يول باشلاپ ماڭالامسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
سازىڭنى چالالامسەن،
غېرىپلىق بېسىپ قالسا،
ئۇسۇلغا چۈشەلەمسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
ۋاپادار بولالامسەن،
سەپەردە بولۇپ ھەمراھ،
ئۇسسۇزلۇق بىرەلەمسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
سىردىشىم بولالامسەن،
سوغوقتا توڭۇپ قالسام،
قوينۇڭنى ئاچالامسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
جۈرئەتلىك بولالامسەن،
يۆلەكسىز بولۇپ قالسام،
ئىشىكىڭ ئاچالامسەن.
جان دوستۇم،جېنىم دوستۇم،
يېنىمغا كېلەلەمسەن،
تەڭ كۆرۈپ،خۇشال يايراپ،
جىڭ دوستۇم بولالامسەن.
29 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 7:56:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|