كەلمىدىڭ-مەمەتجان سامساق

 كەلمىدىڭ
 شىئېر
ئاپتۇرى -مەمەتجان سامساق

ئۇيقۇ يوق تىمتاس كېچە ، خىيالغا چۆككەن مۇڭ كېچىلەر ،
تەلمۈرۈپ كۈتكەن يۇلۇڭغا ، يايرىم سېغىنسام كەلمىدىڭ ·
خىياللار كارۋىنى بىرلەر ، پەسلى باھارىم بولدى قىش ،
ئىللىق قۇياش نۇرلىرىڭنى ، چاچقىلى بىر رەت كەلمىدىڭ ·

كۈتىمەن- كۈتتۈم ئۇزاق ، سەبىرلەر ھەمراھ ماڭا ،
يار يۇلۇڭغا تەلمۈرۈپ ، كۈزۈم تالسىمۇ كەلمىدىڭ ،
ئايغا قاراپ مۇڭلۇنۇپ ، خىيالغا پاتتىم تۈن كېچە ،
ئاي كەبى جامالىڭنى ، كۆرسەتكىلى بىررەت كەلمىدىڭ ،

سېغىنىش ئاچچىق ئازاپ ، دەرىتلىرى دىلغا يىتەر ،
دىل يارا كۆيگەن يۈرەككە ، مەلھەم بۇلۇپ بىر كەلمىدىڭ ·
ئىزلىدىم سىياقىڭنى ،بۇلبۇل سايرىغان باغلاردىن ،

ئەمما سەن ئۈزۈڭ ئەمەس ، مېھرى گۈلخانىم كەلمىدىڭ ·

كەلمىدىڭ ، بىھۇشلۇقتا ، ئۆتەر ھەم كۈن تۈنلىرىم ،
ئىزگۈ ھايات سىرلىرىنى ، يەشكىلى بىر رەت كەلمىدىڭ ،
چۆلدىكى يانتاق گۈلىدەك سامانىڭ يامغۇرى ياغماي،
بىئەجەل ياشلىغىم كەتتى ، باغرىم كاۋاپتۇر كەلمىدىڭ ·

ئاپتۇرى - ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن مەمەتجان سامساق ، تىلفۇن ئۈندىدار ئالاقە نۇمۇرۇم ·  15599755288
     


     





422 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سامساق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-10 8:56:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-11 12:27:22 ئارزۇ
كەلمىدىڭ ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ