نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا
(شېئىر)
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
بىزلەرمىھمان ئۆزۈڭ ساھىپخان,
نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا,
مۇھتاجلىقتۇرھەممىدىن يامان,
نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا.
تاشتىن قاتتىق كۈندۇربەئەينى,
نېسىۋىسز قويغىنىڭ تەرنى,
نىسىپ قىلما ھوسۇلسز يەرنى,
نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا.
ياشىماق تەس پۇلسز-تائامسز,
مەنزىللەر نەس كىيىمسز-ئاياقسز,
گاداي سۆزى قالار جاۋاپسز,
نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا.
غۇربەتچىلىك تۈڭلۈكسز ئۆيدۈر,
ياغقان يامغۇر سۈيىدە كۆلدۇر,
ئوچىقىدا تۇرغىنى كۈلدۇر,
نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا.
يەكلەيدىكەن ھۆرمەت-ئېناۋەت,
ئالالمىساڭ ئايلاپ تاپاۋەت,
قەدىرسزلىك ئېغىر جاراھەت,
نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا.
ئامەت قاشسا دوستمۇ قاچاركەن,
تۇغقان ئۆزنى چەتكە ئالاركەن,
ھەتتا جاندىن تويۇپ قالاركەن,
نامراتلىقنى نېرى قىل دۇنيا.
2016/12/21
105 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-22 16:51:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|