گېدەيمە
گېدەيمە

گېدەيمە دۆلەتلىرىڭدىن،بېشىڭ كۆككە يەتسىمۇ،
تەغدىرىڭدىن ئىشلىرىڭ ھەم سېنى سۇلتان ئەتسىمۇ.
قىلمىشىڭدىن تاملىرىڭ ھەم ئالتۇن بۇلۇپ يانسىمۇ،
گېدەيمە ئامەتلىرىڭدىن،  سېنى دەنا ئەتسىمۇ.           

دەرت-ئەلەملەر كەلگەندە باشىڭغا ئاندىن بىلەرسەن،
كۆزلىرىڭ تولغاندا ياشقا ئاندىن ئاچچىق يۈتەرسەن.
كۆرەڭلىكىڭدىن ئۈزۈڭنى بىلمەي،ئالداپ ئۆتەرسەن،
گېدەيمە شۇ ئامەتلىرىڭدىن،  سېنى خان ئەتسىمۇ.

سەن تېخى دەرت-ئەلەم،كۆز-ياش تۆكمىدىڭ،
ئەلەمدىن ئۆزەڭنى زەھەرلەپ ئاچچىق يۈتمىدىڭ .
ھايات سېناقلىرىدىن ھەم سەن تەخە ئۆتمىدىڭ،
گېدەيمە ئامەتلىرىڭدىن ، سېنى ھاكىم ئەتسىمۇ.

تەغدىر ئادىمىنى شۇنداق ھەر-كويغا سالار بەس!
بۈگۈن بولساڭ شاھ، ئەتىسى بۇلارسەن ھەم گاداي.
ئەسكى تاممۇ بۇلار ئاخىر بىر كۈنى ئالتۇن ساراي،
گېدەيمە ئامىتىڭدىن،  تاملىرىڭ ئالتۇن بولسىمۇ.

       پەقىرلەرنى كۆرگەندە قاپاقلىرىڭنى تۈرمىگىن،          
             كېبىرلىكتە گېدىيىپ سەن ئۆزەڭنى چوڭ بىلمىگىن.         
                  كەلسە ئامەتلىرىڭ شۇنچە ھەم كۆز-كۆزمۇ قىلمىغىن،           
گېدەيمە شۇ ئامەتلىرىڭدىن، ئاسمانچە  قىلسىمۇ.

 مۇھتاجلىق ساڭىمۇ بىر كۈنى كىلىپ قالماسمۇ،
    كانلىرىڭ مول بولسىمۇ ئاخىر،تۈگەيدۇ ئالماسمۇ.
تاغۇ-تاش ئالتۇن بولسىمۇ تۈگەيدى ھامان ئۇ،
گېدەيمە ئامىتىڭدىن سېنى سۇلتان ئەتسىمۇ.   

ھېسابى يوق دۇنيامۇ بۇ،ئۇنى بىلمەيدىغان،
نىمە قىلسا بولىدىغان، ھىساۋىنى ئالمايدىغان.
ئايغى چىقماس كۆلدەك قۇرۇپ تۈگەيدىغان،
گېدەيمە ئامىتىڭدىن، يوق سېنى يۈلەيدىغان.

تېرىشسا يېتەر ھەممىگە دائىما شۇ ئىنسان،
ۋە لىكىن بىلسە ئۇ، بۇ دۇنياغا ئۇممۇ مىھمان.
قىسمەت بىلەن تەقدىرى ئۇنى شۇنداق سىنىغان،
گېدەيمە ئامەتلىرىڭدىن شاھ،زامان بولساڭمۇ.

  بارچە ئىشتا توغرا-خاتانى بىلمىسەڭ ھەم سەن،
    تۇتمىساڭ توغرا يولنى بولىسەن شۇ ھامان ۋەيران.
ناقىسلاردىن بۇلۇپ،ھەمدەم خىيال يۈگرەيدىغان،
گېدەيمە ئامىتىڭدىن، يوق سېنى يۆلەيدىغان.        

باھالاش ھوقۇقى سەندە يوق،ھەم ئىنساندا يوق،      
  بولدى بەس!قىلمىغىن بۇ ئىشقا سەن شۇنچە ھەۋەس.
    ئىنسانلىقىڭدا بولماس ھىچ قاچان توغرۇلۇق پەۋەس،    
    گېدەيمە شۇ ئامىتىڭدىن سېنى دەنا ئەتسىمۇ.              

كىم بىلىدۇ ئاخىر پەقىرلەر ھەم ھاكىم بولامدۇ؟
سۇلتانلار بىرىپ ئاخىر بىر كۈنى ئۇلتان بولامدۇ.
كۆزىڭگە ئىلمىغانلار بىرىپ ئاخىر بىگىڭ بولامدۇ،
گېدەيمە شۇڭا ئامىتىڭدىن سەن پاشاھ ئەتسىمۇ.

2015-يىل 7-ئۆكيەبىر

ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم





151 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 15:26:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ