تۇندىكى كۇتۇش
ئاپتۇرى :ئاتاۋۇللا چوپانى
باھارنېڭ تۇنجى قەدەملىرى يىتىپ كىلىپ تەبىئەت جانلىقلىرىنى تۇيدۇرماستىن ئويغاتقان خاسىيەتلىك بۇ پەسىلدە، سەنمۇ تۇيدۇرماستىن ھىچ بىر سەزدۇرمەستىن ئاللا قاچان مۇز بولۇپ قىتىپ كەتكەن بۇ قەلبىمنى مىھرى مۇھەببەتلىك قەلبىڭ بىلەن ئىرىتىشكە باشلىدىڭ. مۇھەببەتنى پەقەت مۇھەببەتلا ئويغىتالايدۇ . مانا ،سىنى بۇ پىنھان كىچېدە يۇلتۇزلارنى تاماششا قىلغاچ ساقلاۋتىمەن. پات -پات ئەتراپىمغا تەقەززالىق بىلەن باقىمەن .بىراق قاراڭغۇلۇق مىنىمۇ بىللە يۇتۇپ كەتكەندەك ئۆزۇڭ تۇگۇل -تىۋىشلىرىڭنىمۇ ئاڭلىيالمايتىم. ئىختىيارسىز يەنە ئاسماندىكى يۇلتۇزلار غا تىكىلىپ قارايتىم ،يۇلتۇزلار خۇددى قەلبىمدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى سىزىپ قالغاندەك، سىرلىق ئەمما مۇلايىم باقاتتى .شۇنچە جىق يۇلتۇزلار تۇرسىمۇ نىمىشقىكىن كۆزلۇرۇم ئەڭ يۇرۇق بىرتال يۇلتۇزغا قادالدى ، شۇئان ئۇنى سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ دەپ تونۇدۇم.
كىچىك چاغغلىرىمدا مومام دائىم يۇلتۇزلار بىلەن تولغان كۆككە بىقىپ (( ھەربىر ئادەمنىڭ بىردىن يۇلتۇزى بولىدۇ، كىم ياخشى ئىشلارنى جىق قىلسا ،شۇنىڭ يۇلتۇزى شۇنچە يۇرۇق شۇنچە يوغان بولىدۇ ))دەيتتى شۇڭلاشقىمۇ سىنى مىنىڭ قەلبىمدە ئەڭ ياخشى ئادەم دەپ تونۇغانلىقىم ئۇچۇن ئاشۇ يۇرۇق يۇلتۇزنى ساڭا ئوخشاتتىم . يۇلتۇز ئەگەر سەن راستىنلا ئۇنىڭ يۇلتۇزى بولساڭ ئىيتقىنا ئۇ نىمىشقا تىخىچە كەلمەيدۇ ؟ سەندىن ئۆتۈنەي ،ئۇنى تىزراق يىنىمغا ئەكەلگىن،ۋىسالغا يەتكۇزگىن ،ئۇنىڭ ۋىسالىغا قىنىۋالاي ،ئۇنىڭ قەلبىگە مىنىڭ سۆيگۈ ئۆتلىرىنى تۇتاشتۇرغىن ………،
يۇلتۇلار خۇددى سۆزلۇرۇمنى راستىنلا ئاڭلىغاندەك كۆزىنى قىستى شۇئان قەلبىم ھاياجاندىن شۆررىدە ئىرىدى . ئىللىق بىر قول ئارقا تەرىپىدىن كىلىپ ،بىلىمنى چىڭ قۇچاقلاپ ، مانا مەن كەلدىم مەن سىنى ياخىشى كۆرىمەن دەپ مەڭزىمگە مەڭزىنى ياقتى . ئاجايىپ بىر خىل شىرىن ھاياجاندىن تىنىم باش باھاردىكى ئەمدى ئۆسۇپ چىققان ياپراقتەك يىنىك تىترىدى . شۇئان يۇلتۇزغا باقتىم ئۇ خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى قىسىپ قويدى، شۇئان قەلبىمدە پىچىرلىدىم، رەھمەت ساڭا يۇلتۇز ۋىسالىمغا يەتكۇزدۇڭ ،كۆپ تەشەككۈر.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۇنى ئاپتۇرى ھەققىدە:يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى شائىر ئاتاۋۇللا چوپانى 1992يىلى 4-ئاينىڭ2- كۈنى قەشقەر شەھىرى قاغىلىق ناھىيىسى چوپان يىزىسىدا دىھقان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشچان بولغاچقا باشلانغۇچ- تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يىزىسىدا تاماملىغان ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاغىلىق ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . ئۇ2014-يىلى 9-ئايدا ،قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى كىسپىگە قۇبۇل قىلىنىپ ھازىر شۇيەردە ئوقۇماقتا .
416 قېتىم كۆرۈلدى | atawulla | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-20 3:33:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|