ئاناڭسىز كۈنلەر - دىلدارقىز سىيىت

ئاناڭسىز كۈنلەر 

دىلدارقىز سىيىت


 ئاناڭسىز ياشىماق بەكمۇ تەس بولدى
ئاناڭنى كۆرمەككە ئىمكان يوق بولدى.
تىلەيمەن سەبىرلەر ئانسىزلارغا،
قەددىڭنى رۇسلىغىن ئەمدى بەس بولدى.

قىلمىغاننى قىلۇركەن ئاناڭ كەتكەندە،
قىلىقلىرى چىقاركەن بىر يىل ئۆتكەندە.
سەبىر دەيسەن كۆزۈڭگە ياشلار كەلگەندە،
پارتىلاركەن يۈرەككە دەرتلەر تولگەندە.

ئاناڭ يوق ماڭغىنىڭ تىكەن يول بولدى،
تۇرمۇشتا ئارىغا شۇمبۇيا ئۈندى.
باغرىڭنى بىرتالاي قۇرۇتلار تىلدى،
ئاناڭنىڭ كەتكىنى ساڭا ھار كەلدى .

ئاناڭنىڭ كەتكىنى سەن ئۈچۈن ماتەم،
ئۇنىڭكى كۈنلىرى بولماقتا ئايەم.
بىشىڭنى سىلارغا ئاناڭ  بولمىغاچ،
ياتكىلىپ ئۆزىچە قىلماسكەن ياردەم.

بىشىغا كەلمىسۇن ھىچ بىرئىنساننىڭ،
ئانام دىگەن ئىغىزغا تەلمۇرۇپ قاراش.
ئانىسىز تەلمۈرۈپ ئۆتكەن شۇ كۈندە،
ھىچ بىرى باسمايدۇ باغرىغا باغاش.

2016.11.17 دىلدارقىز سىيىت





119 قېتىم كۆرۈلدى دىلدارقىز سىيىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 10:45:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-5 14:59:40 ئەكبەر
ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ