بىخەۋەر
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
توغرا دەيدۇ قىلمىشى گەرچە خاتا بولسىمۇ،
بولغاچ قىلغان ئىشىنىڭ مىزانىدىن بىخەۋەر.
يۇمشاق دەيدۇ كىرپىنى كىرمىگەچكە تىكىنى،
بولغاچ تىكەن ئازابى سىزىمىدىن بىخەۋەر.
دوستۇم دەيدۇ كۇلدۇرۇپ تاتلىق سۆزلەپ كەلگەننى،
ئالدىدا ھە دەپ قۇيۇپ ئارقىسىدىن كۇلگەننى.
بەكمۇ يامان كۇرىدۇ توغرا يول كۆرسەتكەننى،
بولغاچ ئەقلى ئوي -پىكىر تەپەككۇردىن بىخەۋەر.
قارا! سىڭىل ئائىشە بولدى بۇگۇن پاھىشە،
سېغىزخان شاتۇتىدەك دورىغاچ كىمنى كۆرسە.
بوي سۇنغىنى ھەقىقەت ئەقلى ئەمەس نەفسىگە،
بولغاچ ئۆزىنىڭ زادى كىملىكىدىن بىخەۋەر.
ئۇنى بۇنى قىلدى دەپ ئېچىنىپ سەن سۆزلىمە،
قىلامتى ئۇ شۇ ئىشنىڭ گەر زىيىنىنى بىلسە.
كۆزدىگەن كامار نىمە كۆرمىسە بىكار نىمە،
بولغاچ قەلبى جاھاننىڭ رەپتارىدىن بىخەۋەر.
ئۆتنىگە لاپقۇت ئىكەن بىلگەنگە ئالەم دىگەن،
ئۆزىگە يانار ئكەن قىلۋالدىم دىگەن بىلەن.
بەزىلەر كۇلەر ئىكەن، بەزىلەر يىغلايدىكەن
بولغاچ ھەركىم تەقدىرنىڭ پۇتمىشىدىن بىخەۋەر.
سىرلىق ئالەم بۇ شۇنداق بىر ھېكمەت بار ھەر ئىشتا،
يازدا كۇمۇر ئەپ قويساڭ ئىسسىق ياتارسەن قىشتا.
يىتەلمەيسەن تېگىگە قاراپ ئاددى كۇزۇڭدە،
بولغاچ كۇزۇڭ كۆرگەننىڭ باشقىسىدىن بىخەۋەر.
50 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-2 14:26:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|