بازار
چەشمە(خانقىز تۇرغۇن)
شئېر
كىرىپ چىقتىم ئادىمىيلىك بازارىغا ،
ساتقانلار كۆپ يايما قىلىپ ئىنسابىنى.
ھەيران قالدىم ھەق يولىدىن ئازغانلارغا،
پارچە پۇلغا ئالماشتۇرۇپ ۋىجدانىنى.
قاراپ تۇرۇپ ئاقنى قارا دىسە بىرى،
شۇنچە كىشى گۇۋاھ ئىدى، ئۈنچىقمىدى.
چوڭاملارغا كۈچۈكلەنگەن خۇشامەتچى،
يۇۋاش ئۆتسە مەيدىسدىن ئىتتىرۋەتتى.
ئۆتۈپ قالدىم تار كوچىدىن ئايلىنىپ،
كۆرۈڭ ھايھاي مانا قىززىق تاماشانى.
مەي پەيزىدە ھەممە كەتكەن شاشلىشىپ،
ئۇنۇتۇشقان ئەسلى ئۇلۇغ زاتىنى.
لالما ئىتقا ھەمراھ بۇلۇپ ياتتى بىرى،
قۇرۇق سۆزلەپ ئىناۋەتنى ساتتى بىرى.
كەيپلىكتە ھەتتا كىيىم سالدى بىرى،
چىدالماستىن ئاخىر يىراق كەتتىم نېرى.
كىتىپ بارسام ياققا تۇتۇپ كۆزۈم نەملەپ،
بىرى كىلىپ مىھىر بىلەن قۇلۇم تۇتتى.
بولما ھەيران بۇ بازارغا دېدى بەزلەپ،
ئۇلار بىلمەس ئادىمىيلىك قىممىتنى .
شۇنداق قىلىپ ئايرىلدىممەن بۇ بازاردىن،
يىراقلاشتىم روھى ئۆلگەن تىرىكلەردىن.
رايىم ياندى ئادەم بىلگەن ئادەملەردىن،
ئامان قىلسۇن ھەر ئىنساننى بۇكوچىدىن.
2016-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى (شەنبە)
196 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-30 21:02:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|