گۈزەل يۇرتۇم
مۇھەممەت ئزىز غوجىۋىل
شۇنداق گۈزەل ئەزىزانە يۇرتۇم بولغان،
ئوغلى دەريا قىزلىرى گوياكى بوستان.
قىزلار ۋاپا گۈلشەنىدە ئەخلاقنىڭ گۈلى،
يىگىتلىرى پاراسەت كۈچ قۇدرەتكە تولغان.
نامىدۇر ئۇشبۇ گۈزەل ، يۇرتۇمنىڭ قوشتاغ.
لەيلىلەر بۈك ئىچىلغان گويا جەننەت گۈزەل باغ.
خەلقى سىخى ھەم ئىشچان ، چىرايى نۇر خۇشچاقچاق ،
ئۇلار بەئەينى پەھلىۋان قەددى زەبەردەس تەڭرىتاغ.
نامىدا گەرچە بولسىمۇ ئويلىماڭ ئوخشايدۇ تاغ،
بار ئۇنىڭمۇ قوينىدا مەي باغلىغان مىۋە باغ.
ساپ ھاۋاسى جانغا راھەت يايرىتار دىلنى قەۋەت ،
ئسىڭىزدىن كەتمىگۈسى زىنھار بىزنىڭ بۇ قوشتاغ.
تەرىپلىسەم قانچە يازسام تۈگىمەيدۇ دىل سۆزۈم ،
شۇ گۈزەل ئەزىز دىيارىم بەختىيار ئامان بولسۇن.
ئۇنىڭغا ھىچ تەگمىگەيلەر نامەرتلەرنىڭ كۆزلىرى ،
خەلقىمگە قۇت يار بولسۇن ياۋ يۈزى سامان بولسۇن .
ئاھ، قوشتاغ ئامان بولسۇن .....!
ئاپتور تور تەخەللۇسى : دىلكەش
ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
2017 .يىلى 2.ئاينىڭ 7. كۈنى قوشتاغ
| 43 قېتىم كۆرۈلدى | dilkash | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-6 22:06:03 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|