تايانچىم تۇققاندۇر تىيىلغىنىمدا - ت ھەرىپلىك شېئىر

تايانچىم تۇققاندۇر تىيىلغىنىمدا

 

رەخمەت ئ‍ابدۇرىشىت

 

 تاسقىسا تۇرمۇشنىڭ توڭ-تۇمۇزلىرى،

 تاشلىدىم تەشۋىشنى تۇيغۇمدىن تەڭلا.

تىرىشىپ-تىرمىشىپ توپلاي تەجىربە،

 تەسلەشسە تاڭمىقىم تاشنى تاياققا.

 

 تاپساممۇ تۆت تەڭگە تەرىمدىن تاپاي ،

 توغرىسى تىلەشكە تاماسىز تۇرۇپ .

 تاۋاقتا تاپساممۇ تۆت تال تېرىقچە ،

تەڭسىزگە تەقسىملەي تەڭ تۇيۇندۇرۇپ .

 

تەڭلىككە تاشلىما تۇيغۇلۇرۇمنى ،

 تىڭىرقاپ تاپالماي تۇرغانلىرىمدا .

 تۇرمۇشتا تەمتىرەش تىپىلىپ تۇرار،

 تايانچىم تۇققاندۇر تىيىلغىنىمدا .





162 قېتىم كۆرۈلدى rahmat ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-13 12:14:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-2 14:27:11 وسمان
ياخشى رەھمەت !!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ