خار قىلمىغىن سۆيگۈنى،سۆيگۈڭنى بەر

خار قىلمىغىن سۆيگۈنى،سۆيگۈڭنى بەر

 

دىلشات ئابدۇسەمەت 

 

 تەلمۈرۈپ يار مەن ساڭا يولۇڭدا كۆزۈم،

 ئىشەن جانان بۇ مىنىڭ چىن يۈرەك سۆزۈم.

بۇ دەرتلەرگە نە چارە سەۋدايى ئۆزۈم،

خار قىلمىغىن سۆيگۈنى،سۆيگۈڭنى بەر .

 

ئىشقى ئوتى يامانكەن قىينىدى مىنى،

 تەقدىرىممۇ ھەر جايدا سىنىدى مىنى.

 شۇ دەرتلەرمۇ يەتكۈچە تاۋلىدى مىنى،

 خار قىلمىغىن سۆيگۈنى،سۆيگۈڭنى بەر.

 

سەنسىز ھايات مەنىسىز كۆزلېرىمنى ياشلايمەن،

 سەن بولمىساڭ ھاياتقا قانداق قەدەم تاشلايمەن.

 سەنلا بولساڭ ھاياتىمنى قايتا باشلايمەن،

 خار قىلمىغىن سۆيگۈنى،سۆيگۈڭنى بەر.





113 قېتىم كۆرۈلدى guqung ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-30 18:43:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ