كىتاب (شېئىر)- دىيانەت

كىتاب

يازغۇچى:دىيانەت
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
كىتابنى دوس تۇتۇپ ئالمىساڭ تەلىم،
نادانـــلىق بابىــدا بولارســـەن ئالىم.

كىتابنى ئۆزۈڭگە قىلمىساڭ قورال،
نادانلىق قەلبىڭنى قىلىدۇ قامال.

ھەر ئىشقا كىتابتىن تاپمىساڭ ئامال،
يولۇڭدا ئولتۇرۇپ ساقلايدۇ زاۋال.

كىتابنىڭ ئىچىدىن چىقمىسا سۈزۈڭ،
رەئىيەت  ھۆرمىتى كۆرمەيدۇ كۈزۈڭ.

مېڭىگە ئەڭ ياخشى ئوزۇقتۇر كىتاب،
ئاچ قويغان كىشىلەر ئۆلۈكتۇر بىتاپ.

كىتابسىز ۋاقتىڭنى قىلمىغىن زايە،
ئوقۇغىن، بىلىم ئال، تىكلىغىن غايە.

ھەقىقى يولباشچى كىتابتۇر ماياك،
ئوقۇغىن ، باتىلغا  بولما يانتاياق.

كىتابقا قىزىقىش بۈيۈك بىر سەنئەت،
قىزىقماس كىشىنىڭ ئۆمرىگە لەنەت.

شەكسىزكى كىتابتا بولسىلا قولۇڭ،
غەم قىلما پارلاقتۇر كەلگۈسى يولۇڭ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
2017-يىلى4-ئاينىڭ3-كۈنى كورلا

     





69 قېتىم كۆرۈلدى Diyanat0996 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-6 9:33:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-9 8:22:00 دىيانەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ. يازغۇچىلار تورىدىكى بارلىق شېئىرخۇمار ئەزىزلەر. مۇنۇ شېئىرىمغا تەكلىپ پىكىرنى ئايىمىغايسىلە.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ