ئاخىرقى كۈز
گۈلنىسا ئابلا دىلناۋا
ئەڭ چىرايلىق سۆزلىرىڭىنى ئوغرلاپ كەتكىنى كەچكۈز،
شىۋىرلاپ ھەممىگە مۇڭلۇق كۈي بىلەن
ھەيراننۇھەۋەستە قالدۇرۇپ ھاڭ-تاڭ،
كىملەرنىدۇر خىجالەت قىلغىنى كەچكۈز…
…
ئادەمنىڭ مەنسى ئاسماننۇ- زىمىن،
كائىنات روھى مۇجەسسەم شۇڭا قەلبىگە.
بۇيۇك بىر روھ بىلەن پاراڭلىشالايدۇ،
ئادىمىلىك غايىسى كەلسە ئەسلىگە…
…
قەلىب ئىشىكىڭنى ئاچ،
ھەم ئۇنى چەكلە خۇددى تۆت پەسلدەك،
جاسارىتى باھاردەك،
ئىللىقلىقى بىھش يازدەك،
خوشاللىقى كەچكۈزدەك،
قەھرى كەلگەن زىمستاندەك…
بولدى بەس ئەمدى،
ئۆزەڭگە بىر رەھىم قىل،
ئۆزگىنى ھەم ئۆزەڭنى كەچۈر،
ئەڭ ئاخىرىقى كۈزدە
ئاسىي شاماللار ئېلىپ كەتسۇن غەزەپلىرىڭنى،
گۇناھكار يامغۇر سىڭىپ كەتسۇن كۆزياشلىرىڭغا،
ئاخىرىقى كۈزدە
جاسارەت ئەيلە رەھىم ئىچىدە…
2016-12-4
54 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنىسا ئابلا دىلناۋا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-4 23:17:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|