جانانغا مەكتۇب
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
نەسىر
( بۇ نەسىرىمنى پاك مۇھەببەت ساھىبلىرىغا بىغىشلايمەن )
جانانىم ، سىغىنىش پىغانلىرى سىزنىمۇ ماڭا ئوخشاش ئازاپ ھاڭلىرىغا تاشلاۋاتامدۇ ؟
قاراڭ جاناىم ، مەن ئازاپ ھاڭلىرىغا چوڭقۇرلاپ چۈشۈۋاتىمەن . كۈنلۈرۈم شۇ ئازاپ ھاڭلىرىدىكى جاندىن ئۆتىدىغان شىۋىرغانلارنىڭ قىناشلىرى ئىلكىدە ئۆتۋاتىدۇ .
مەن سىغىنىش پىغانلىرى ئىچىدە سىزنى ئىزدەۋاتىمەن . سىزنى شۇنچە ئىزدىسەممۇ تاپالمايۋاتىمەن ، بىركۈنى سىزنىڭ سىمايىڭىزنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم ، خۇشلۇقمدا سىز تەرەپكە ، ياق سىزنىڭ سىمايىڭىز كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم . يۈگرەۋاتىمەن ، تۇختىماي ، باركۈچۈم بىلەن يۈگرەۋاتىمەن . غەلىتە ئىش ، مەن سىزنىڭ سىمايىڭىزغا قاراپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگرەۋاتقىنىمدا سىز ماڭا قاراپ قويۇپ مەندىن يىراقلىشۋاتىسىز .
مەن بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم . تۇيۇقسىز پۇتۇم بىرنەرسىگە ئۇرۇلۇپ يىقىلىپ كەتتىم ، يىقىلىپ كەتتىميۇ كۆزۈم يەنە سىزنىڭ سىمايىڭىزدا ، قارىسام سىز يىراقتا مىنىڭ يىقىلىپ چۈشكۈنۈمگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلگەن پىتى .......
چۈشۈمدىن چۆچۈپ ئويغاندىم . تۇرۇپ بايىقى ئىشلارنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ « شۈكرى » دىدىم ئىچىمدە ! مۇشۇ كۈنلەردە بۇنداق چۈشلەرنى دائىم كۆرىدىغان ، چۆچۈپ يىرىم كىچىدە ئويغىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنداق كۈنلەردە ياتاق دەرىزىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاسمانغا قاراپ خىيال قىلىمەن ، تۈن مالايىكىلىرى بىلەن سىردىشىمەن . شۇنداق چاغلاردا ئاسمانغا قاراپ سىزگە بارلىق كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئىتقۇم كېلىدۇ . لىكىن سىزنى ئاۋارە قىلىشتىن قورقىمەن جانانىم ! بەزىدە ئاي ، يۇلتۇز ، كىچىدىكى ئىزگۈ شاماللاردىن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سورايمەن . ئۇلار سىزنىڭ ئىسىللىقىڭىزنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىسە بەزىدە سۈكۈتتە تۇرۋالىدۇ .
سەھەر ، ئىزغىرىن شاماللارغا قوشۇلۇپ يۈرەك خانەمنى يوقلايمەن . كۆڭلۈمنىڭ ھەر خانىلىرىدە سىزنىڭ سىمايىڭىز ، سىزنىڭ ئىزلىرىڭىز !! سىزنى ئىزدەۋاتىمەن ، كۆڭلۈم ئىچىدە ئۇياق تىن بۇياققا چاپىمەن . لېكىن سىز ئۇچۇرمايسىز جىنىم . مۇشۇ كۈنلەردە مەن ئۇيقۇدىن بىدار ، تاتلىق كۈلكىلىرىڭىز ، نازلىق بىقىشلىرىڭىز ، ئىسىللىقىڭىزغا زىننەت بەرگەن مىھرىڭىز بىلەن غىل ـ پاللا كۆرۈنۈپ يوقۇلۇپ كىتىسىز جىنىم !!!
خىيالىمنىڭ ئوتلۇق بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمداسىز بىلەن بىرگە ئۆتكەن بابلارغىلا قارايمەن جىنىم . مىھرىمىز بىلەن بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان تىنىقلىرىمىز ، قول تۇتۇشۇپ مىڭىشقان شۇ كىچىلەر بۇ باپلارنىڭ نادىر مەزمۇنلىرى جىنىم .
سىز كۆڭلۈمگە ھۇزۇر بەرگۈچى ساماۋىي كۈچ قۇدرەت . سىز كۆڭۈل قەسىدەمنىڭ گۈلتاجى . سىزگە بولغان سۆيگۈم ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن بارلىق قەلىپلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىدۇ . سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمىسام بىر ئۆمۈر كۆز يۇمماسلىققا رازىي ئىدىم جىنىم .
سۆيگۈ ، ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان مۆجىزە . ئۇ ۋاقتى كەلسە ئادەمنىڭ جىنىنىمۇ ھىچ نەرسىگە ئەرزىمەس كىرەكسىز قىلۋىتەلەيدۇ ،يىرتقۇچلار قان پۇراپ يۈرگەن جاڭگاللاردا ، دۈشمەن بىلەن جاننى پىدا قىلغان كۆرەشلەردە شۇ سۆيگۈنىڭ ئوتلۇق ئابىدىلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . شۇ سۆيگۈنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ، سىز ماڭا ئاتا قىلغان ھايات كۈلكۈلىرىدىن سىزنى ساماۋىي كۈچ قۇدرەت كەبىي كۆرىمەن جىنىم .
جىنىم سىزنى سىغىندىم . خىيال دىڭىزىمدا ماياكسىز يۈرگىنىمدە سىزنىڭ سىمايىڭىز ماڭا يولباشچى . سىزنىڭ شۇ ئوتلۇق سىمايىڭىز ئاستىدا مەنزىل تامان يۈرۈپ كىتىمەن جىنىم .
ئاللاھ ئىگەم نىسىپ قىلسا ، بۇ سەپەر ئاخىرىنى ئىككىمىز يۈرەك بىغىشىمىزنى تۇتقان ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ ، سەپەت ئۈستىدىكى نىلۇپەر مەنزىرلىرى ، قىزىل گۈل پۇراقلىرىدىن تەڭ ھۇزۇر ئالارمىز . بىلەمسىز جانىم ، شۇ قەيسەرلىكىم بىلەن سىغىنىشنىڭ قىيانلىرىغا توغان سىلۋاتىمەن . لېكىن شۇنچە مۇستەھكەم سالدىم دەپ سالغان شۇ توغانلىرىم ئاجىز كەلدىمۇ سىغىنىشنىڭ ئازاپلىق قىيانلىرى يۈرۈكۈمنى چۇلغاۋاتىدۇ . شۇ قىيانلارنىڭ تۈرۈتكىسىدە تەنھالىق سىمفونىيەسىگە جۆر بولۇپ ، مىھىر تىلەمچىلىرىگە ئاشنا بولۇپ ياشاۋاتىمەن .
جىنىم سىز پەقەت خىيال قەسىدەمدىلا ، كۆزۈمنى ئاچتىممۇ بولدى ، سىزنى يۈتتۈرۈپ قويىمەن . مەن خىيالىمدا سۆيگۈ خاندانلىقىنىڭ خاقانى ، مۇھەببەت گۈلزارلىقىنىڭ غۇنچىسىگە ئايلىنىپ يۈرىمەن . تۇيۇقسىز تۈن پەرىشتىلىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدى .
پەرىشتە دىگەن ئاجايىبدە ، ئۇلاردىن كۆڭلۈڭدىكى ئىشلارنىمۇ يوشۇرالمايدىكەنسەن .
تۇرۇپ ئۇلارغا بۇنىڭ ، ئازاپلىنىشىم ، ئاھ ئۇرۇشۇم ، سىغىنىش قىيانلىرىغا توغان سىلىپ جاپا تارتىشىم ئىسىلزاتى مەلىكەم ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بەردىم .
سىغىنىش ـ سۆيگۈ ساداقىتىنى ئۆلچەيدىغان تارازا دەپ جاۋاپ بىرىمەن مەجنۇنغا . راس مەن شۇ سىغىنىشنىڭ قىيىن قىستاقلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ كەلدىم ، ھەم بىرىمەن . تۈن پەرىشتىلىرى ھەرۋاقىت ماڭا ھەمراھ ، تۈندىكى ئاي ، يۇلتۇز ، ھەم ئىزگۈ شاماللار قۇلقۇمغا پىچىرلايدۇ . ئۇلارنىڭ پپىچىرلاشلىرىنى كۆڭۈل بەتلىرىمگە نەقىش قىلىپ چىكىمەن .
قورقىمەن جىنىم ، راس قورقىمەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىھىر تىلەمچىسى سالاھىتىدە قەلىب قەسىرىڭىزنىڭ ئىشىگىنى چەككىنىمدە ناتونۇش بىر كىشى بىلەن چىقىشىڭنى ، مېنىڭ جۇل ـ جۇل كىيىملىرىمگە قاراپ ئۇ ناتونۇش كىشىنىڭ بۇرنىنى سىز گۈل كەشتىلىگەن قول ياغلىق بىلەن تۇتقۇنچە مەندىن قىچىشىنى ، سىز بولسىڭىز سوغۇق دەستىدىن يىرىلىپ كەتكەن ئالقانلىرىمغا ئىككىمىزنىڭ مۇھاببەت دەرىخىنىڭ ساداقەت مىۋىسىنى تۇتقۇزۇپ كىتىپ قىلىشىڭىزدىن قورقىمەن جىنىم . مەن بۇ كۆرۈنىشنى ئويلاشقا پىتىنالمايمەن بۇ ۋاقىتتا كۆڭۈل قەسىدەمدە قىيامەت ئوتلىرى لاۋۇلداپ كۆيىدۇ دە ، ئۆز ـ ئۆزۈمنى تەنھالىقنىڭ قەبىرلىرىگە مەھكۇم قىلىمەن .
مەن يىغلىمايمەن دەپ تۇرۇپ يامغۇردەك تۆكۈلىمەن جىنىم . كۆزۈمدە ، ياق يۈرۈكۈمدە سىغىنىشنىڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى . تىنىم شۇ سىغىنىشنىڭ قىناشلىرىدا ئەلەملىك تولغانماقتا . يۈرۈكۈمدىن تۆكۈلگەن سىغىنىش ياشلىرى بىلەن سىزگە بەخىت تىلەيمەن جىنىم . بىلەمسىز ، سىغىنىشنىڭ رەھىمسىز ئازابى شۇج كۈلكەم ، سىز ئامراق شۇ چاقانلىقىمنى زۇلمەت شەھىرىنىڭ زىمدانلىرىغا ئۆمۈرلۈك مەھكۇم قىلدى .
لېكىن ئەنسىرمەڭ جىنىم . سىزنىڭ شۇ ئىسىللىقىڭىزغا ، شۇنچىلىك بىغۇبار ، كەڭ قورساقلىقىڭىزغا بۇنچىلىك ئازاپلار ماڭا نىمە ئىدى . سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئىسىللىق ھۆكۈمران ، شۇ ئىسىللىقىڭىز سىزنى ئەتراپىڭىزدىكى جىمىي كىشىلەردىن ئەزىز قىلغان .
بەزىلەر شۇ ئىسىللىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان شۇ قەلىپ قەسىدىڭىزگە مېنى ۋاستە قىلىپ ئازار بەرمەكچى بولسا مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن سىزنى ئوت دىڭىزى ئىچىدە تاكى قىيامەتكىچە ساقلاشقا رازىمەن . لېكىن مېنىڭ پەيدا بولۇشۇم سەۋەپلىك شۇ ئىسىللىقىڭىزنىڭ گۇمران بولىشىنى خالىمايمەن جىنىم .
كۆزۈمدىن ، ياق يۈرۈكۈمدىن ھەسرەت ياشلىرى تامچىلىماقتا . نىمىشقا سىزدەك ئىسىللار خانىشىنىڭ ئوتىنى مەندەك بىر مىھىر تىلەمچىسىگە سالغان بولغىتتى . بىلەمسىز جىنىم ، سىزنىڭ شۇ ئىسىلىقىڭىز بىلەن مەندەك شۇ بىر مىھىر تىلەمچىسنى ياراتقىنىڭىزدىن ئالەمچە خۇشالمەن . بىلەمسىز جىنىم بۈگۈن ئەينەككە قاراۋىتىپ لەۋلىرىمنىڭ يىرىلىپ كەتكىننى ھىس قىلدىم ، بۇ بەلكىم سىزنىڭ لەۋلىرىڭىزگە بولغان تەشنالىقىمنىڭ تۈرۈتكىسىدىن بولسا كېرەك . بوپتۇ جىنىم سىزنىڭ يەنە شۇ ئىسىلىقىڭىزغا مەن ھەرنەرسىگە چىدايمەن جىنىم . ئەمدى سىزنىڭ شۇ ئىسىلىقىڭىز ئۈچۈن لەۋلىرىڭىزگە بولغان تەشنالىقىمنى قاندۇررۇش ئەمەس ، سىزدەك بىر ئىسىل پەرىزاتنىڭ قولىغا مەندەك بىر مىھىر تىلەمچىسىنىڭ قولىنىڭ تىگىشى تۈپەيلى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئازاپلىشىڭىزنى خالىمايمەن .
جىنىم ، ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلۇپ ، ئەخلاق بىلەن زىنەتلەنگەن مۇھاببەت ئەڭ جۇلالىقتۇر . سىزنىڭ مەندەك بىر تىلەمچى يىگىتنى دەپ ئىسىلىقىڭىزدىن ياسالغان خاندانلىقىڭىزنى پايخان قىلىشىڭىز سىز ئۈچۈن ھاقارەت . مەن سىزنى سۆيگۈ كۈلبەمگە پاسىبان قىلغاندىن بىرى، قەلبىم شۇنلىك نۇرلاندىكى ،بۇ نۇربىلەن كۆڭۈل قەسەدەمدىكى بارچە غەم قايغۇ ، ئۆكۈنۈش ئۆلۈم زىندانلىرىغا قامالدى جىنىم .....
2016- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچ ، ئۈرۈمچى .
458 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 22:31:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-29 11:11:52 | شەيدائىي |
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن ئىنىم! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|