ساددىلىقتا ئالداندىم

 

ساددىلىقتا    ئالداندىم

 

(مۇخەممەس)

 

 بىلسەڭ ئىدى سەن ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ،

ساپ مۇھابەت ئەقىدە بەرگەنلىرىمنى.

ساددا بولۇپ بىر چاغدا ياڭرىتىپ كۈلكەمنى،

خوشاللىق دەپ بىلىپسەن مىنى ئالداپ يۈرگەننى،

بەك كېچكىپ بىلىپتىمەن ساددىلىقتا  ئالدلنغاننى.

 

 

سەن ئۈچۈن تۆلىدىم قانچىلغان بەدەل،

         سەن ئۈچۈن ئاتىغىنىم مۇھەببەت  ۋە تەر.

         ئازاپتىن ئۆرتەنسە يۈرەك كەلمىدى ئەجەل،

         قانداق قىلاي دەرت كەلسە سىغدۇرمىدى يەر.

بەك كېچكىپ بىلىتىمەن ساددىلىقتا ئالدانغاننى.

 

بەك ئىش بىلگەننى كۈرۈپ سەن قاقباش دىدىڭ،

ئىش بىلمەي سورىغاننى ئەسلى بەڭباش دىدىڭ.

باشتا شۇنچە كۆپ ۋەدىلەر بەرگەن ئىدىڭ،

مىنى ئالداپ  ئارمانلىرىڭغا  يەتكەنمىدىڭ .

بەك كېچكىپ بىلىپتىمەن ساددىلىقتا ئالدانغاننى

 

ئولتۇرسام كۆل بويدا  ھەسرەت چېكىپ ،

يېنىمغا كىلىپ دىدىڭ سەن قايغۇرما جېنىم.

جېنىم پىدا سەن ئۈچۈن قېنىم قۇربانىم ،

ئىسىت دەيمەن ساڭا شۇ دەم ئالدانغىنىم.

بەك كېچكىپ بىلىپتىمەن ساددىلىقتا ئالدانغاننى.

 

قىلغان  ۋەدىلەر يالغان ئىكەن  ئەمدى بىلسەم،

سەن تاماشا كۈرۈپسەن  مەن يىغلاپ يۈرسەم،

خىتاب كەلدى ساڭا كۆكتىن ئەي ئاجىز بەندەم،

قەدىرلىمىدىڭ ساڭا شۇنچە پۇرسەت بەرسەم.

بەك كېچىكىپ بىلىپتىمەن ساددىلىقتا ئالدانغاننى.

 

كۈلۈپ قالدىڭ ئورنۇڭدا مەن ياشلار  تۆكسەم، 

بەك كېچىكىپ بىلىپتىمەن ساددىلىقتا ئالدانغاننى.

.

           

 

 





142 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-12 2:23:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ