نەشە - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

 نەشە

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  بارچۇق ئوغلى

نەشە بىلەن كەيىپ سۈرمەكنى،
جاندىن ئەزىز بىلىپ يۈرگەنلەر.
كېچە كۈندۈز خام خىيال سۈرۈپ،
ئاز ئەمەستۇر كەيىپ سۈرگەنلەر.

تالاش ،تارتىش قىلىپ ھەم ئۇنى،
خۇددى ناۋات ھەسەل يىگەندەك.
ئاكا ئۇكا دوستنى تۇنماس ،
نەشە بىلەن ئېغىزلانغاندەك .

خىلاپ ،تۇرسا قانۇنغا تەخى ،
دوختۇر ماڭا بۇيرىغان دەيدۇ .
چېكىۋېلىپ كۈن بۇيى ئۇنى،
ئۆمرى كەتسە بۇنى بىلمەيدۇ.

قانداق ئىنسان سىلەر ئەي دوستلار،
قۇل بۇلامسەن ئەشۇ نىجسكە.
غەپلەت بېسىپ قاباھەت بىلەن،
جان سالامسەن ئەشۇ زەھەرگە.

ئۈندىدار 2318334127
2016..10..17
     





39 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-18 15:14:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ