سۆيگەن يايرىم ئ‍امان بول - ​ يۇلتۇز (ئ‍اق مەرۋايىت)

         سۆيگەن يايرىم ئ‍امان بول

كىتىپ قالساڭ يايرىم قېشىمدىن،
ئاھۇ كۆزۈم يىغلاپ قالارمۇ.
ئۇزىتىشقا ھىچ كۆڭۈل قويماس،
يا ئايرىلىش شۇنداق بۇلارمۇ.

كەتسەڭ قاچان كىلەرسەن يايرىم،
سېغىنامسەن مىنى ياد ئېتىپ.
چۈشلىرىڭگە چىللىۋال مىنى،
يۇلتۇزدىگەن ئىسمىمنى قېتىپ،

سەن كەلگۈچە كۈتىمەن شۇنداق،
كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇنى قوغلاپ.
ھەر سېغىنسام ھەمراھ سۈرۈتۈڭ
سىرداش ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ.

بۇپتۇ دەيمۇ تەقدىرگە ئەمدى،
جانىم ،مىنى سەندىم ئايرىسا.
سۆيگۈم سەندە ئامانەت قالدى،
ئىگەم جاننى ئامانەت قىلسا.

كىتەرىڭدە كىتەي خوش دەيسەن،
كىلەرىڭدە ئۇچۇر بەر ئاۋال.
ئۇنۇتمىغىن مەندىن ئايرىلىپ،
سۆيگىمىزنى باسمىسۇن زاۋال.

كەتسەڭ يايرىم ئامان بول ئامان،
كۈرىشەرمىز بىر كۈن كۈلىشىپ.
تەشۋىشلەنمە كۆڭلىڭنى بۇزۇپ،
تەڭ ماڭارمىز يەنە يۈتلىشىپ.

ئ‍اپتۇرى؛يۇلتۇز(ئ‍اق مەرۋايىت)
     





50 قېتىم كۆرۈلدى يۇلتۇز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-4 0:29:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ